560w
muslima
(Hi No. 2028954)
فَلَا تُزَكُّوا أَنفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ (سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ) ئۈندىدار سالۇنلىرىدا ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان ئىسىم-سۈپەتلەرنى خۇسۇسىي ئادرېس قىلىپ قوللىنىش توغرا بولمايدۇ. (تەييارلىغۇچى: سەيپىدىن). بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. ئۈندىدار سالۇنلىرىدا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بىلىپ-بىلمەي ناھايىتى گۈزەل باشقىلارغا ئاڭلىنىشى ئالاھىدە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى تاللاپ ئۆزلىرىگە خۇسۇسىي نام-ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللانماقتا. جانابى ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ زىيادە قىلسۇن ئامىن. مەقسەت: قېرىنداشلىرىمىز ئىسىم تاللىغاندا ئۆزىگە لايىق شۇنداقلا بەندىگە خاس بولغان ئىسىملارنى تاللىشى ياكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوللىنىشى ياكى ئۆزى قۇرۇپ چىققان شىركەت-كارخانىلارنىڭ نامىنى قوللىنىشى ياكى لەقەملەرنى ياكى كۈنىيەت يەنى پەرزەنتى بولسا چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمى بىلەن پالانچىنىڭ دادىسى خانىم-قىزلار بولسا پالانچىنىڭ ئانىسى دېگەندەك ئۆزىگە لايىق ئىسىم-سۈپەتلەرنى تاللىشى كېرەك. قارايدىغان بولساق نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز(قىز-ئوغۇل) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە خۇسۇسىي نام قىلىپ تاللاپتۇ، ئەگەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولساق بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك، ئەمما بىلمەي قىلغان بولساق ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيتىپ بۇنى تىزدىن ئۆزگەرتىشى لازىم. بىز سالۇنلاردا كۆپ قېتىم چۈشەنچە بەردۇق ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىز(قىز-ئوغۇل) تا ھازىرغىچە ھېچ ئۆزگەرتمەپتۇ. ئۇلارنىڭ قوللانغان ئىسىملىرى: «رەببىم ئاللاھ، شۈكۈر ئاللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، بىسمىللا، ئاللاھ، ئىنشا ئاللاھ، ئاللاھ بىر، لائىلاھە ئىللەللا، ئەسسەبۇر، ئەلخەبىر» قاتارلىق ئىسىم-سۈپەتلەرنى كەڭ قوللانغان بولۇپمۇ قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا«شۇكۇر ئاللاھ» دېگەن سۆز كۆپ ئىستىمال قىلىنغان. قېرىنداشلار يۇقىردا ئېيتىلغان ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسىم-سۈپەتلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىسىملارنى قوللانغان قېرىنداشلار تىزدىن ئۆزگەرتىۋېتىڭلار. ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تولۇق پاكلايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىملارنى قوللىنىش چەكلەنگەن. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز دەۋرىدە بەزى ساھابىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئايال ساھابىلاردىن«زەينەپنىڭ ئەسلى ئىسمى بەررە(يەنى ۋاپادار، ئىتائەتمەن، ياخشىلىق قىلغۇچى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ) بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى زەينەپ دەپ ئاتىغان». پەتھۇل بارى 10\575-بەت. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايالىنىڭ ئىسمى بەررە بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى «جۇۋەيرە»گە ئۆزگەرتكەن. مۇسلىم رىۋايىتى(3\1687). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىزلارغا «بەررە»دەپ ئىسىم قويۇشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن:«سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلىماڭلار، (يەنى ئۆزىنى ماختاپ، كۆككە كۆتۈرۈپ، ماختىنىش) سىلەردىن كىمنىڭ ياخشىلىق ساھىبى ۋە تەقدىرلەشكە لايىق ئىكەنلىكى جانابى ئاللاھ بەك بىلگۈچىدۇر». بۇ ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسىم قويغاندا، ئۆزىنى پاكلىۋالىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىشتىن چەكلىگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە «ئىمان» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىشتىن چەكلىگەن. چۈنكى بۇمۇ ئۆزىنى پاكلاشنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملاردىندۇر. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بۇنداق ئىسىمنى قوللىنىشىنى چەكلىگەن چۈنكى «ئىمان» دېگەن سۆزنى ئاياللارغا ئىشلەتكەندىن ئەرلەرگە ئىشلىتىش گرامماتىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن راقتۇر. چۈنكى «ئىمان» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مۇزەككەر(يەنى ئەرلىك) ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا 14 ئەسىردىن بىرى ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملار، مۇجتەھىدلەر، مۇجاھىدلار، ياخشى-سالىھ، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرى ئۆزلىرىگە بۇنداق ئاتالغۇلارنى قوللانمىغان، ئەمدىلىكتە بىز ئەمەل-ئىبادەت، ئىلىم-مەرىپەتتە ئۇلاردىنمۇ بەك ئىشىپ كەتتۇقمۇ ياكى بىر نەرسىنى بىلمەي قىلىۋاتىمىزمۇ؟ بىلمەي قىلغان بولساڭلار دەرھال ئۆزگەرتىڭلار، بىلىپ قىلغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىڭلار. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدىسى ئۈچۈن بۇنى يوللاپ قويدۇق . ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ھەقنى ھەق بويىچە چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان، باتىلنى باتىل بىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولىدىغان، ئاللاھ سۆيىدىغان، ئاللاھ تائالاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان گۈزەل ئىسىم، ئېسىل سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئۆزگەرتمەستىن، شەكىللەندۈرمەس
37 Comments
سيفرالرحمن تركستانى :Asalamu alaykum533w