560w
abdullah
(Hi No. 2667895)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم : «ئىسلام غېرىبلىق بىلەن باشلاندى ۋە غېرىبلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، غېرىبلارغا جەننەت بولسۇن » دېدى ،
غېرىبلار كىملەر ؟ غېرىبلار پاھىشە ،زىنا ، مەسىت قىلغۇچى ئىچىملىكلەر ئىچىپ يۈرگەن ، گۇناھلار قىلىپ يۈرگەن ، يىگىتلەر ئىچىدە قانداق قىلسام ئاللاھنى رازى قىلارمەن دەپ ، قايسى ئەمىلىم سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىۋاتقاندۇ ، قايسى ئەمىلىم بىدئەت بولىۋاتقاندۇ دەپ ھاياتىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ياشاۋاتقان ، كىتابى سۈننەتكە ئۆزىنى مۇۋاپىق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان يىگىتلەر ، پاھىشىۋاز ، بىدئەتلەرگە چۆمگەن ، پۈتۈن زىنا ، مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ، تاماكا شۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان يىگىتلەر ئىچىدە غېرىبتۇر ، غېرىبتۇر ئۇ ، چۈنكى ئۇنى ھاياتنىڭ پەيزىنى بىلمەيدىغان ئەخمەق دەپ قارايدۇ ، ئۇ قانچىلىك قەلبى بىلەن ئۇلارغا ھەي ! بۇرادەرلەر ھەققە يۈرۈڭلار دېسە ، ئۇنى چۈشۈنمەيدۇ ، ھاياتنىڭ پەيزىنى بىلمەيۋاتقان نادان دەيدۇ ئۇنىڭغا قاراپ ، غېرىبلار كىملەر ؟ غېرىبلار قېرىلار ! سۈننەتكە ئۆزىنى مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ، قانداق قىلسام كىتابى سۈننەتكە مۇۋاپىق ياشامەن دەپ ، قايسى ئەمىلىم سۈننەتكىن قايسى ئەمىلىم بىدئەتكىن ، سۈننەتنى ھاياتىمغا تەدبىقلاي بىدئەتتىن ئېھتىيات قىلاي دېسە ، قېرىغان ۋاقىتىدا ساراڭ بولدى بۇ دەپ خىتاب قىلىۋاتقان قېرىلار ئىچىدە غېرىبتۇر ، غېرىب ئۇ ئادەم ! قەبىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىمنى تازىلاي دەپ يۈرگەن قېرى ، پۈتۈن بىدئەتلەرگە چۆمۈپ ياشاۋاتقان ، ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدىغان ، بۇ نېمىدىن گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشۈنمەيدىغان كىشىلەر ئىچىدە بۇ قېرى غېرىبتۇر . غېرىبلار كىملەر ؟ غېرىبلار بالىلىق ۋاقىتىدا ھەممە ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەندە قانداق قىلسام ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادقا ئالارمەن دەپ ، شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشىم كېرەك ، مەن قىيامەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سوراق-سوئال قىلىنىمەن دەپ ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىغا مەشخۇل بولغان بالىلار باشقا ئەتىگەندىن – كەچكىچە ئويۇن-تاماشىغا غەرىق بولغان بالىلار ئىچىدە غېرىبتۇر ، چۈنكى ئۇنى نېمە بۇ ھاياتتىن مەھرۇم بولۇپ ياشايدۇ دەپ چۈشىنىشىدۇ . غېرىبلار كىملەر ؟ ئۆزىنىڭ ئايالىنى پەرزەنتلىرىنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق يۈرۈشلۈككە تەرغىب قىلسا ، ئايالى :« سىز زاماندىن ئارقىدا قالدىڭىز » دەپ تۇرسا ، پەرزەنتلىرى ئۇنى چۈشۈنمىسە ، ئۇنىڭغا :« پەقەت ئاخىرەت ، ئۆلۈمدىن باشقا گېپىڭىز يوق » دېسە ، مانا بۇ ئائىلىنىڭ ئۆزىدە بۇ ئادەم غېرىبتۇر ، ئەگەر ئۇنىڭ ھەرقانداق دۇنياسى بولسا ھەم ، باللىرى ئۇنى «بۇ دادىمىزنى ياخشى كىيىملەر بىلەن ئالداپ تۇرمىساق ،ياخشى تائاملارنى ئېلىپ تۇرمىساق يەنە ئاخىرەتتىن سۆز ئاچىدۇ » دەپ تۇرسا مانا بۇ ئاتا ھەم غېرىبتۇر بۇرادەرلەر ، كىم غېرىب ؟ پەرزەنتى قانداق قىلسام ھەقىقى ئىسلامغا ئەمەل قىلارمەن دەپ ، قانداق قىلسام ئىسلامغا مۇۋاپىق ياشارمەن دەپ تۇرۇپتۇ يۇ ، ئاتىسى بولسا سەن مەندىن بولغانمىسەن ، نېمىگە باشقا ياشلارغا ئوخشاش ئويۇن-كۈلكىلەرگە غەرىق بولمايسەن ؟ نېمىگە سەن يىگىتلەرگە ئوخشاش تويلاردا مەسىت قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ يىگىتلىك دەۋرىنى سۈرمەيسەن دەپ خىتاب قىلىپ تۇرسا ، ئانىسى :« ساڭا نېمە بولدى ؟ مانا بۇ ئويۇن-كۈلكىلەردىن ۋاز كېچىپ ، پۈتۈن ھاياتىڭ مانا مۇنداق ئۆزۈڭنى ساقال قويغان ، ئىسلامدىن باشقا گېپىڭ يوق بولۇپ قالدى سېنىڭ» دېگەندە بۇ پەرزەنت ھەم غېرىبتۇر ، ھەممىسىدىن ھەم غېرىب ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزىنى قانداق قىلسام ساھابىلارنىڭ ئاياللىرىگە ئوخشارمەن دەپ , ئۆزىنىڭ زىننەتلىرىنى يوشۇرۇپ ، ئۆزىنى گۇناھلاردىن ساقلاپ ، ئۆزىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمەسلىككە ھەرىكەت قىلىپ ، ئۆزىنى ھىجابقا ئالغان ۋاقىتتا كوچىلاردا مەسخىرىلەرگە دۇچار بولغان ، ئۆزىنىڭ ئىمانى بىلەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ بىزدىن سورايدۇ دەپ ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىسلام يولىدا تەربىيە قىلىش بىلەن ئۆزىنى مەشخۇل قىلغان ئايال غېرىبتۇر ، ئۇنىڭدىن ھەم غېرىبراقى شۇكى ياش تۇرۇپ تېخى قىز بالىلىق ۋاقىتىدا ئۆزىنى ھىجاب بىلەن يۈرۈشكە ، ئۆزىنى قانداق قىلسام ئاللاھ رازى بولاركىن ؟ بۇ گۇناھلاردىن ئۆزۈمنى تارتماقلىقىم لازىم ، زىننەتلىرىمنى يوشۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئۆزىنىڭ ھەربىر ئەمەلىنى ، مۇسلىمە ئاياللارغا ئوخشاتقان ، ۋە تارىختىكى كامالەت ھاسىل قىلغان ئاياللارغا ئەرگىشىشلىككە ھەرىكەت قىلغان ، جەمئىيەتتە تۇرغان پاھىشىۋاز ، بۇزۇق ئاياللارغا كۈلكە بولۇپ ياشاۋاتقان ، ئېتىقادلىق مۇسلىمە قىز ۋە ئاياللار ھەقىقى غەرىبەلەردۇر ، چۈنكى ئۇلار ھەقنى تەرغىب قىلغانسىرى مەسخىرىگە دۇچار بولۇپ ياشايدۇ ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ غېرىبلارغا جەننەت بولسۇن دېگەنلىرىنىڭ سىرى ھەم شۇ بولسا كېرەك ، چۈنكى ، غېرىب ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇستەھكەم بىر سۆيەنچىككە سۆيەنمەسكەن ، ئۇ تاشقى مۇھىتتىكى ھەرخىل زەربىلەرگە تەسىرلىنىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئېتىقادىدىن ئاجىرلىنىپ كېتىشى ناھايىتى ئاساندۇر بۇرادەرلەر . غېرىب كىم يەنە ؟ غېرىب ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممىسىنى جاھىلىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ، بىردىن ئىسلام دەۋىتىنى ئاڭلاپ ، ئىسلامنى مەھكەم تۇتقان ، ۋە شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھاياتىنى تامامەن ئىسلامغا تەدبىق قىلىشلىككە ھەرىكەت قىلغان ، شۇندا ئۆزىنىڭ ئەسكى قەدىردانلىرى ئۇنىڭغا كۈلۈپ ساڭا نېمە بولدى ؟ سەن تۈزۈك ئادەم ئىدىڭغۇ ؟ بىردەمدىلا بۇنداق بىر مەجنۇن سۈپەت بولۇپ قالدىڭ دېگەندە «ھېي ! سەنلەر مەن تېتىغان لەززەتنى بىر تېتىغىنىڭدا » دېسە ، «سېنىڭ مۇشۇنداق مەجنۇن سۈپەت يۈرىشىڭدا نېمە لەززەت بار » دەپ خىتاب قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتىدا بۇ غېرىبتۇر ، مانا بۇ غۇربەتتە ياشاۋاتقان كىشى كەمبەغەل كىشى ئەمەس بۇرادەرلەر ، توغرا ! كەمبەغەل كىشى ھەم غېرىب لېكىن ئۇ غېرىبلىك ھېچ نەرسە ئەمەس ، مەنىۋى تەرەپتىن غېرىب بولغان ئادەم ، ئادەملەرگە ياخشىلىقنى شۇنچىلىك خالىسىڭىز ، سىزگە شۇنچىلىك يامانلىقنى خالىسا ، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى پاكىزلىقنى چۈشۈنمىسە بۇ ئادەم ھەقىقى غېرىبتۇر . غېرىبلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئومۇمىي غېرىبلار بۇرادەرلەر ، بۇ غېرىبلارنىڭ ئىچىدە بىر غېرىب باركى ، ئۇ كىتابى سۈننەتنى مۇكەممەل بىلىدۇ ، قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىنى توغرا چۈشنىدۇ ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىس مۇبارەكلىرىنى توغرا چۈشىنىدۇ ، ۋە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا كىتابى سۈننەتكە چاقىرغاندا ئۇلار بۇنىڭ مەقسىدىنى بىلىپ تۇرىدۇ ، ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئابرويلىرىدىن مەھرۇم بولۇشىنى بىلىپ بىلىپ تۇرۇپ ھەققە قارشى چىققان ۋاقىتىدا ، مانا بۇ ئادەم پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرسا ئۇلار بۇنىڭغا ھەرخىل تۆھمەتلەر تېشىنى ئېتىپ ، ھەرخىل لەقەملەر قويۇپ تۇرغان ۋاقىتتىكى ھەقىقى ئالىملار بۇ غېرىبلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بىرىنجى غېرىبتۇر بۇرادەرلەر . چۈنكى بۇ بىلىپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ قارشىلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قىيامەت كۈنىدە بىلىپ ئىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچەيلىرىنى تارتىپ ئازاپلىنىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ، شۇنچىلىك ئۆزلىرىنى ۋىجدانلىرىنى پاچاقلاپ ، ھەققە قارشى تۇرغان ۋاقتىدا ، بۇ كىتابى سۈننەتنى بىلىپ تۇرغان ئادەم بۇنىڭغا ھېچ چىدىيالمايدۇ بۇرادەرلەر ...
ئاللاھ بىزلەرنى شۇ غېرىبلەر قاتارىدىن قىلسۇن