552w
صبيحة
(Hi No. 1424739)
مەن دۇنيادىن يوقالغان كۈنى.
.
مەن دۇنيادىن يوقالغان كۈنى كىملەر مىنى ئەسكە ئالاركىن؟
كىملەر كۈلۈپ، كىملەر يىغلىشىپ،
تاۋۇتۇمغا نەزەر سالاركىن.
مەن دۇنيادىن يوقالغان كۈنى، مېھىرىبان ئانام يىغلاپ قالارمو
جاندىن ئەزىز قېرىنداشلىرىم
كۆز يېشىدا سەلدەك ئاقارمۇ؟
مەن دۇنيادىن يوقالغان كۈنى،
باغدا ھاياتىم يالغۇز قالارمۇ؟
بىخلاۋاتقان يۇمران نوتىسى،
قار شىۋىرغان سوغدا قالارمۇ؟
مەن دۇنيادىن يوقالغان كۈنى، گۇناھلىرىم ساقىت بۇلارمۇ؟
چۆل باياۋان، يېشىل بوستاندا،
مەن تاشلىغان ئىزلار قالارمۇ،
مەندۇنيادىن يوقالغان كۈنى
ئاشىق يۈرەك بىرگە كىتەرمۇ
ئارزۇ ئۈمۈت ئارمانلىرىم
دەرتتە قېلىپ بىرگە كىتەرمۇ!
16 Comments
فىدائى تركستاني :ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىنى توپقاا قىتىپ قۇيۇڭلار....ياخشى توپلار غا قاچلاپ قۇيۇڭلار مىنى ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن ئامىن..........542w