Avatar
586w
مىسكىن (Hi No. 1359096)
بىر شەيخ بىلەن ‏ئۇنىڭ شاگىرتى ‏ئېتىزلىقتا كېتىۋېتىپ كونا بىر جۈپ ‏ئاياقنى ‏ئۇچرىتىپ قالدى ,ۋە ‏ئۇنى يېقىنقى ‏ئەتراپتىكى بىرە ‏ئېتېزلىقتا ‏ئىشلەۋاتقان , ‏ئىشىنى تۈگۈتۈپ ‏ئايىغىنى ‏ئالغىلى كېلىدىغان بىر كەمبەغەل ‏ئەرنىڭ ئايىقى ‏ئوخشايدۇ دەپ ‏ئويلىدى , شاگىرت شەيخگە : ‏ئي شەيخىم بۇ ‏ئىشلەمچىگە چاقچاق قىلىپ قويساق قانداق قارايدىلا?! بىز بۇ ‏ئاياقنى تىقىپ قويايلى , ‏ئۇ ‏ئىشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلگىندە ‏ئايىقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قانداق قىلىدىكىن كۆرۈپ باقمامدۇق -دېدى , شەخ شاگىرتىغا :بىز ‏ئۆز كۆڭلىمىزنى باشقىلارنىڭ قايغۇسى بىلەن خۇش قىلساق بولمايدۇ , لېكىن ‏ئوغلۇم سەن باي , بۇ كەمبەغەلنىڭ ‏ئايىقى ‏ئىچىگە پۇل سېلىپ قويۇپ , بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ مۇشۇ قىلغىنىڭنىڭ ‏‏ئۇنڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقنى كۆرۈپ باققىن , ‏ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىشىڭ مۇمكىن -دەپ جاۋاپ بەردى , شاگرتقا بۇ چارە ياراپ قالدى , ۋە كەمبەغەلنىڭ ‏ئايىقى ‏ئىچىگە پۇل تىقىپ قۇيۇپ , شەيخ بىلەن شاگرت ‏ئىككەيلەن ‏ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقنى كۆرۈپ بېقىش ‏ئۈچۈن دەرەخنىڭ كەينىگە يوشۇرنىۋالدى, بىر ‏ئازدىن كېيىن كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر ‏ئەر ‏ئېتىزلىقتىكى ‏ئىشىنى تۈگۈتۈپ ‏ئايىقىنى ‏ئالغىلى كەلدى , ‏كەمبەغەل ‏ئايىقىنى كىيىپ ‏ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ھەيران بولدى ۋە ‏ئۇنى چىقىرىپ پۇل ‏ئىكەنلىكقنى كۆردى , يەنە بىر پاي ‏ئايىقىدىمۇ پۇل بارلىقىنى كۆردى , ‏ئۇ ‏ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ‏ئۈچۈن پۇلغا قايتا -قايتا قارايتى , ‏‏ئۇنىڭدىن كېيىن ‏ئۇ ‏ئەتراپىغا تەپسىلى قاراپ ھېچقانداق ‏ئادەم يوقلىقىنى كۆردى , ‏ۋە پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ , تىزلانغىنىچە يىقىلدى ۋە يىغلىغان ھالەتتە ‏ئاسمانغا قاراپ يۇقىرى ‏ئاۋازدا ‏ئى رەببىم , ‏ئايالىمنىڭ كېسەل , باللىرىمنىڭ ‏بىر بۇردا نانمۇ تاپالماي ‏ئاچ يۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگۈچى زات ‏ئۆزلىرىگە رەھمەت ‏ئېيتىمەن , مېنى ۋە باللىرىمنى ‏ئۆلۈمدىن قۇتقازدىلا ) دەپ رەببىگە خىتاپ قىلدى ۋە ‏ئاسمانغا قاراپ بۇ ‏ئاللاھدىن كەلگەن ‏‏ئېسىل سوۋغاتقا شۈكىر ‏ئيتېپ ‏ئۇزۇن يىغلىدى , شاگىرت بۇنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندى , ۋە كۆزلىرى لىق ياشقا تولدى ,شەيخ شاگرتتىن : سەن ھازىر ‏ئاۋۋالقى چارەڭ بويىچە ‏ئۇنىڭ ‏ئايىقىنى تىقىپ قويۇپ خۇش بولغاندىن بەكرەك خۇشال بولىۋاتقانسەن ?دەپ سورىدى ,شاگىرت :مەن بۈگۈن ھاياتلىقىمدا ‏ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك دەرىسدىن بىرنى ‏ئۆگەندىم , ھاياتىمدا چۈشەنمىگەن بىر گەپنى مانا ئەمدى چۈشەندىم , ‏ئۇ (سەن بەرگىنىڭە ‏ئالغىنىڭدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىسەن ) دېگەن گەپ ‏ئىدى -دەپ جاۋاپ بەردى ,
Tweet
1 like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms