560w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
1.تىل دىلغا باغلىق ،دوستلۇق ۋىجدانغا باغلىق . 2.دوستۇڭنى بىرلا ئالدايسەن ،ئۆمۈرلۈك زىيان ئۆزۈڭگە. 3.باتۇرلۇق مەيداندا بىلىنەر ،پاراسەت تېرىككەندە بىلىنەر ، دوست نامراتلىقتا بىلىنەر . 4.دوستۇڭغا جاپا قىلما ، دۈشمىنىڭگە ۋاپا قىلما. 5.دوستۇڭنى شاد قىل ،دۈشمىنىڭنى مات قىل . 6.دۈشمەننىڭ ئىززىتىنى قىلغۇچە ،دوستۇڭنىڭ خىزمىتىنى قىل . 7.دوستۇڭنى ئاياشنى بىل ،دۈشمىنىڭنى ساۋاشنى بىل . 8.دوستلار ئارا ئاداۋەت ،دۈشمەن ئۈچۈن تاپاۋەت . 9.ياتنىڭ مېھمانخانىسىدىن دوستۇڭنىڭ سامانخانىسى ياخشى . 10.ئەينەك سۇنسا ئۇلىغىلى بولماس ،كۆڭۈل رەنجىسە ئالغىلى بولماس. 10.دوستۇڭنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قورقما ،ۋاپاسىز بولۇشىدىن قورۇق . 11. نەرسىنىڭ يېڭىسى ياخشى ،دوستنىڭ كونىسى ياخشى . 12.دوستۇڭ ھومايسا كۈلۈپ قوي ،دۈشمىنىڭ ھومايسا بىلىپ قوي . 13.دوستۇڭغا قاپاق تۈرگىچە ،دۈشمىنىڭگە مۇشتۇڭنى تۈگ. 14.ئىناق بولساڭ يىقىلمايسەن ،يالغۇز بولساڭ قوپالمايسەن . 15.ناشتىلىققا سەل قارىما ئۆمرۈڭنى دەپ ، دوستلۇرۇڭدىن ۋاز كەچمىگىن نەپسىڭنى دەپ . 16.دوستۇڭ بىلەن يولداش بول،ھەر ئىشىغا قولداش بول . 17.بۇلبۇل__گۈل بار يەردە بولۇر ، ھۆرمەت __دوست بار يەردە بولۇر . 18. سىرىڭنى دەي دېسەڭ ، سىنالغان دوستۇڭغا دە . 19. دوستۇم دېسەڭ كىشىنى ،بىلىپ باققىن ئىشىنى . 20.دوستۇڭ ساڭا سۇ بەرسە ،سەن ئۇنىڭغا ھەسەل بەر . 21. ھېسابلىق دوست ئايرىلماس . 22.دوست چىللىسا قالما ،دۈشمەن چىللىسا بارما . 23.يالغۇز ياغاچ ئۆي بولماس ، يالغۇز يىگىت بەگ بولماس . 24.دوستى بار ئەدەمنىڭ يولى خۇددى يايلاقتەك كەڭ بولۇر ، دوستى يوق ئەدەمنىڭ يولى خۇددى ئالىقاندەك تار بولۇر . 25.ئون سەر ئالتۇنۇڭ بولغاندىن ،بىر قەدىناس دوستۇڭ بولسۇن . 26.يوپۇرماقسىز دەرەخنىڭ سايىسى بولماس ، دوستسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس . 27.مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس ، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس . 28.سەن بىلەن تەڭ كۈلگەن ئادەمنى ئۇنتۇپ قالساڭمۇ ،سەن بىلەن تەڭ يىغلىغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالما . 29. بىر تامچە سۇ دېڭىز بولالماس . 30. دوستقا ئىناق بول ،دۈشمەنگە يىراق بول ئەڭ موھيمى مۇناپىقتىن يىراق تۇر!