Avatar
580w
abdullah (Hi No. 2667895)
ئاللاھ يولدا دوسلاشقان جان دوستلىرىمغا بېغىشلايمەن
‏
ئاللاھ بەر گەن قېرىنداش ئىدىڭ ،
‏بۇ يۈرەككە سەن سىرداش ئىدىڭ.
‏ئۈممەت ئۈچۈن كۆپ غەملەر يىدىڭ،
‏مەڭگۇ بىللە تىلەكداش ئىدىڭ.
‏
‏يۈرەكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدە،
‏ئورۇن ئالغان ئادىشىم ئىدىڭ.
‏بۇ يۈرەكتە مەڭگۇچاقنىغان،
‏ئىسلام يولدا سەبدىشىم ئىدىڭ.
‏
‏سېنىڭ بىلەن خوشالتىم كۈندە،
‏ئەسلەر ئىدىم كېچە كۈندۈزدە.
‏سېنى يەنە شۇنداق سېغىندىم،
‏كۆرگۈم كەلدى بۇ قارا تۈندە.
‏‏خەتلەرىڭنى جاۋاپسىز قويغان،
‏ئىدىم ئاداش بەزى ۋاخلاردا.
‏قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئاياپ،
‏قويۇپتىمەن نادان چاغلاردا.
‏‏قىيامەتلىك قېرىنداش بىزلەر ،
‏ئىتائەتلىك قەلىبداش بىزلەر.
‏دۇئا قىلمەن كېچە كۈندۈزلەر،
‏دۇئا ئۆزى قەلىبنى ئىزلەر.
‏
‏بولىۋەرگىن بۇرادەر ئامان ،
‏مۈشكۈللۈرۈڭ بولغۇسى ئاسان.
‏تىلەي ساڭا مەڭگۈ بەخىتنى،
‏ئۇلۇغ رەببىم رەھىمدۇر راھمان.
‏بۇ شېئىرىمنى كۆڭلۈمدىكى ئەڭ يېقىن بۇرداىم ،
‏ھەم قىيامەتلىك قېرىندىشىمغا بېغىشلايمەن .
‏ئاللاھ بىزلەرنى ياخشىلىقتا بىللە قىلسۇن .
‏سېنى سېغىندىم ئەزىز بۇرادىرىم ...
‏ھەم قېرىنداشلارنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بۇرادەرلىرگە سوغا قىلشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
ئاللاھ ھە ممىمىزنى ياخشى قېرىنداشلاردىن قىلىپ بەرسۇن ...ئامىن
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms