561w
SǒЯЯㄚ☞الله
(Hi No. 1366187)
غەرىب دۇنياسى يىگىرمە مىليون ئۇيغۇرنىڭ مەنپەتىنى قوغدىدى دەپ قويسا،ناماز ئوقۇغان بىلەن قىبلەڭ غەرىبمۇ دىسە!ما ئەرەبلەر نامەرىتلىك قىلدى دىسە،ياردەمنى ئىنساندىن ئەمەس ئاللادىن كۈت دەپ يوغان قالپاق كەيگۈزسە!
مىللەت مەنپەتىنى قوغدايلى دىسە،مىللەتچىلىك ئىسلامدا يوق سەن كاپىر دىسە!
مىللى ئەنئەنىنى ساقلايلى دىسە،ئۇ ھالال بۇ ھارام دەپ ھۆكۈم دىگەننى ئايىماي چىقارسا!
ھۆكۈم دىگەن قۇرئاندا دىسە،ئۇنى سەن بىلمەيسەن دىسە!
ئۇندا بولسا قۇرئان ئوقۇيلى دىسە،ئۇنى سەن ئوقۇپ چۈشەنمەيسەن دىسە!
ئاللا قۇرئاننى ئوچۇق ئاشكارە بايان قىلدۇق دەپتۇ دىسە،يەنە مەخپى ئايەتلەر كۆپ دەپ سىرلىقلاشتۇرۋالسا!نىمە جاپا بىزگە!
ھەي ئەجەپ زىرىكتىم مۇشۇندا ئادەملەردىن،ئۇلارنىڭ نىمە مەقسىتى باركىن؟؟؟قاچانغىچە مۇشۇنداق تۈپ پىرىنسىپلارغا تاقىلىدىغان ئىشلارغا سەل قاراپ،ئۇنىڭ ئەكسىچە كىچىك ئىشلارغا بەك ئىسلىۋالىمىز؟؟؟نىمىشقا تىرىشىپ بىلىم ئىلىپ ئۆزىمىزنى تاكامماللاشتۇرماي،باشقىلار نىمە دىسە ھە شۇنداكەن دەپ كەينىدىن ئەگىشىپ كىتىۋىرىمىز……