Avatar
580w
abdullah (Hi No. 2667895)
ئۇيقۇ بىزگە نەھاجەت
ئۈممەت غەمگە پاتقاندا
كاللىمىزدا كۆپ ئىش با
ئۇيغاق چاغدا ياتقاندا
بىزدە پەقەت بىرلىك يوق
توغرا گەپكە كۆنمەيمىز
تەۋبە قىلىڭ دەپ قويسا
دىدۇق ھازىر ئۆلمەيمىز
قانداق ئۈممەت بوپ قالدۇق
ھالىمىزغا قارايلى
ۋەزەپىمىز نىمىكىن
ھىس قىلايلى ئويلايلى
ھەق يەتكۈزگەن دوستلارغا
مەدەت بېرىپ قوللايلى
تىرىشايلى دەمبەدەم
ياخشىلىقنى قوللايلى
شۇنداق ئىكەن بۇدۇنيا
بىرى يىغلاپ كۈلەركەن
شاھمۇ-گاداي ئاقىۋەت
قار تۇپراققا كىرەركەن
بەزىلىرى بەك بىغەم
ئويناپ-كۈلۈپ يۈرەركەن
ھە بەزىسى ھەق ئۈچۈن
ياشاپ ھەمدە ئۆلەركەن
ساۋابى كۆپ ئىنسانلار
ئاخىرەتتە كۈلەركەن
زالىملار ئۆز زۇلمىدىن
جەھەننەمدە كۆيەركەن
شۇنداق تۇرۇپ ئادەملەر
نىمە ئۈچۈن پېتىشماس
مەھبۇبىنى كۈيلەيدۇ
ھەقنى قوشاق قېتىشماس.
ئۇخلۇمۇدۇم دىمەيمەن
تۈندە بىدار بولمۇدۇم
قانداق قىلاي مەن ئىنسان
نەپسىمگە ھىچ تويمۇدۇم
ئەي كەرەملىك مېھرىبان
بىزنى ئۇيغات غەپلەتتىن
شېھىت قىلغىن ئاقىۋەت
ئورۇن بەرگىن جەننەتتىن.
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms