561w
مىھمان
(Hi No. 2960732)
تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىسوئال: تەۋھىد دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىد ـ ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ئىبادەتلەرنى ئۇنىڭغىلا خالىس قىلش دېمەكتۇر.
سوئال: تەۋھىدنىڭ تۈرلىرى قانچە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاب: تەۋھىد ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1 ـ تەۋھىد رۇبۇبىيە.
2 ـ تەۋھىد ئۇبۇدىيە (ئۇلۇھىيە).
3 ـ تەۋھىد ئەسما ۋە سىفات.
سوئال: تەۋھىد رۇبۇبىيە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىد رۇبۇبىيە ـ ھەممىنى ياراتقۇچى بىر ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىراپ قىلىش دىمەكتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ ٱللَّهُ خَالِقُ كُـلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ ﴾ يەنى «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى ۋە ئۇ، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)» ([1]).
سوئال: تەۋھىد ئۇلۇھىيە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىد ئۇلۇھىيە ـ ئەمەل، ئىبادەتلەرنى بىر ئاللاھقىلا خالىس قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلغان سۆزىدە، ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:
﴿ إِنَّنِيۤ أَنَا ٱللَّهُ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاۤ أَنَاْ فَٱعْبُدْنِي﴾ يەنى «مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھدۇرمەن. مەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يۇقتۇر. يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن»([2]).
سوئال: تەۋھىد ئەسما ۋە سىفات دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىد ئەسما ۋە سىفات ـ ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سەھى ھەدىسلاردا بايان قىلىنغان گۈزەل ئىسىملىرى ۋەئېسىل سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئىسم ـ سۈپەتلەرنى باشقىلارنىڭ ئىسىملىرىغا ۋە سۈپەتلىرىگە ئوخشاتماسلىق، شۇنداقلا ئاللاھنى ھېچ بىر شەيئىگە ئوخشاتماسلىق دېمەكتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ﴾ يەنى «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر»([3]).
سوئال: تەۋھىدنىڭ پايدىسى نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىدنىڭ پايدىسى ـ بۇ دۇنيادا توغرا يول تېپىش، ئاخىرەتتە ئازابدىن قۇتۇلۇش ۋە جەننەتكە كىرىش بىلەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ ٱلَّذِينَ آمَنُواْ وَلَمْ يَلْبِسُوۤاْ إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُوْلَـٰئِكَ لَهُمُ ٱلأَمْنُ وَهُمْ مُّهْتَدُونَ ﴾ يەنى «ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا مۇشرىكلىكنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇبتۇر. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر»([4]).
سوئال: تەۋھىدنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
جاۋاب: تەۋھىد ـ ئىمان ۋە ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنىڭ جەۋھىرى، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىنلارنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلىدۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن تەۋھىدكە چاقىرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى 13 يىللىق دەۋىتىمۇ پەقەت كىشىلەرنى تەۋھىدكە چاقىرىشتىن ئىبارەت بولغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلاَّ نُوحِيۤ إِلَيْهِ أَنَّهُ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاَّ أَنَاْ فَٱعْبُدُونِ ﴾ يەنى «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە »مەندىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، دەپ ۋەھيى قىلدۇق»([5]).
تەۋھىدسىز ئېيتىلغان ئىمان ۋە قىلىنغان ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ!
([1]) زۈمەر سۈرىسى 62 ـ ئايەت.
([2]) تاھا سۈرىسى 14 ـ ئايەت.
([3]) شۇرا سۈرىسى 11 ـ ئايەت.
([4]) ئەنئام سۈرىسى 82 ـ ئايەت.
([5]) ئەنبىيا سۈرىسى 25 ـ ئايەت.
Yutapakkur