561w
muslima
(Hi No. 2028954)
ماني ئاخرغچەئۇقۇڭ مۇللام بىلەن زىيالىنىڭ مۇنازىرىسى زىيالىنىڭ موللامغا يازغان مەكتۇپى. كۆز ئاچالماي يۈرسەك بىز جۇت شىۋىرغان بوراندا، ئىمانىڭنى سىتىپ يەپ ياتتىڭ ئىسسىق ئوراندا. يامانلارغا يان بىسىش شەرەپمۇ يا قۇرئاندا، جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟. ئايغا چىقسا بەزىلەر داڭ قىتىشىپ ياپىر دەپ ، ياخشىلارنى تىللايسەن چەتكە قىقىپ كاپىر دەپ. بۇلبۇللارنى ئۈركۈتتۇڭ تۇتالماستىن قاقىر دەپ، جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟. پاكىز يۈرسە بۇ قىلىق كاپىرلارغا خاس دىدىڭ، قاسماق كىيىم ياغ دوپپا مۇسۇلمانغا ماس دىدىڭ. ئىلىم پەنگە جۈش ئۇرۇپ ياكى ئالغا باسمىدىڭ، جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟. كۆرمەي تۇرۇپ بىراۋنى ئاڭلاپ مىڭنى قاغايسەن، ئىسرائىلغا يان بىسىپ ئەرەپاتنى تىللايسەن. بامداتتىن كىين گۇناھقا پىتىپ شام نامازغا يىغلايسەن. جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟. موللام نىڭ جاۋابى:- مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر جىمى ئالقىش ھەقلىقتۇر ئالەملەرنىڭ رەببىگە، بىزدىن سالام ئىھتىرام ،ئۇ ئىۋەتكەن ئەلچىگە. سۇئال كەپتۇ دوسلاردىن ،جاۋاپ يازدۇق رەددىگە، ياراپ قالسا جاۋابىم تەڭ بارايلى سەجدىگە. سوراقلاپسىز موللامنى ئايىماپسىز ئازراقمۇ، بىزمۇ سورساق ھەقلىققۇ زىيالىلار شۇنداقمۇ چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشلە، ئىشەكلەرگە تون يىپىپ ئىمام قىلىپ تىكلەشلە. ئاندىن سۇئال قويۇشۇپ شىئىر يىزىپ ئەپلەشلە، سېسىتىشقا ئىسلامنى قانچە پۇلغا گەپلەشلە. ھەقىقەتنى بىسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ؟، مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. بىلىمىڭ بار ۋە لىكىن ئىتقادىڭ دىتىڭ يوق، كىملىكىڭ يوق ۋە ياكى تۇتاي دىسە سىپىڭ يوق. جان بىقىشچۈن ئۈگەنگەچ بۈيۈك غايەڭ غىمىڭ يوق، ھاراق ئىچسەڭ قاينايسەن يىشىلگەندە ئىسىڭ يوق. ئىتقادسىز بىلىمدان ۋالاقلاركەن مۇنداقمۇ جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. كۈندە بەش ۋاخ يۇيۇشنى داداڭغا بىز ئۈگەتكەن، نەسىھەت قىپ ياخشىنى تىللاشنىمۇ تۈگەتكەن. كاپىر دىيىش كاپىرنى دەل قۇرئاندا بار گەپكەن، «خۇدۈكى بار سەكرەيدۇ» دىگەن ئەجەپ ھىكمەتكەن. «چىدىمىساڭ ئۆلىۋال» دەل كىلەرمۇ مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. خانلىق مەدرىس تاقالدى ،سىنىڭ زۇلۇم جەۋرەڭدە، ئىلىم بىلەن دىن قارشى بولۇپ قالدى دەۋرىڭدە. دىندىن خەۋەر بەرمىگەچ ئەخلاق يوقتۇر نەۋرەڭدە، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆيەرسەن جەھەننەمدە قەۋرەڭدە. كىم جاۋاپكار بۇنىڭغا سۇئالىم بار مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. ھىدايەتكە چاقىردۇق جۇت زۇلمەتكە پاتقاندا، قۇسۇقلارغا مىلىنىپ ھاراق پۇراپ ياتقاندا. ساتما دىدۇق ئىماننى مائاشقا پۇل قاتقاندا، دۇشمەنلەرنى مەدھىيلەپ شائىر قوشاق قاتقاندا. ئالغا دېسەك مۈكۈنۈپ چىققان يىرىڭ قونداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. باشلىساڭلا ئەگەشتۇق دەپ زىيالى ئۇلۇغكەن، قېنى پارلاق كەلگۇسى ماڭغان يولۇڭ تۇيۇقكەن، ئىست ئاخماق بولۇپتۇق ،قەلبىڭ بەكمۇ قۇرۇقكەن. سەنلەر بولغاچ باشلامچى ئەلنىڭ كۆڭلى سۇنۇقكەن. ھۆرمەت قىلساق دەپسەندە قىلعان بارمۇ مۇنداقمۇ جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. مەدەنىيەت مائارىپ ژورنال سېنىڭ قولۇڭدا، دينىمىزغا ئۆچ بولدۇق ،تەربىيلىنىپ ئۇنىڭدا، كىملەر ئىدۇق كىم بولدۇق باشلاپ ماڭعان يولۇڭدا. بوۋىلارنىڭ ھېكمىتى قالدى چەتتە بولۇڭدا. كاللا يۇيۇپ ئۆزگەرتىش سەنلەر قۇرغان قىلتاقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. چىمەن دوپپا بەقسەم تون ساقال سۇمبات بىزلەردە، ناۋائىدەك ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان ئىزلەردە. ئوخشىمايسىز ئۇيغۇرغا ساقال تۇرماس يۈزلەردە، ئۇيغۇرغا خاس نە سۈلكەت سالاپەت بار سىزلەردە. ۋارىس ئەمەس ئۇيغۇرغا ياتقا ھاممال يانداقمۇ، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوحشايدۇ، قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ،ھەر بىر ۋىجدان قاقشايدۇ، پەقەت جىنسى سۆيگۈدىن قانداق كۆڭۇل ياشنايدۇ، ھالال نىكاھ سۆيگۈنى قاچان بۇعۇپ تاشلايدۇ، چاتاق چىقسا ھامىلە تاشلايدىعان قاسراقمۇ، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. پاھىشىنى تانسىنى مەدەنىيەت دېيىشتىڭ، ھاراق ئىچىپ مەلىنى باشلىرىڭغا كىيىشتىڭ. مەسۇملارنى تەربىيلەپ ئىشتان كەيمەس قىلىشتىڭ. پۇل تىپشىقا قىزلارنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشتىڭ. خوتۇنلارنى كۆنلىسەك بىز ياۋايى ئاخماقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. موللام قىزى نۇزۇگۇم قاچقان ئامبال سولۇندىن، سەن ئوقۇتقان داشۆسىڭ قاچماس ماڭنۇر مولۇندىن. بۈگۈن جۆيلۇپ قوپۇپسەن ئىت قوپقاندەك كۇلۇڭدىن، ئىززەت ھۆرمەت شان شەرەپ قايسى ئىدى بۇرۇندىن. «ئوغرى تۇرۇپ ئوغرى دەپ ,توۋلاش» باركەن مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. دۇنيادا ھىچ مۇسۇلمان ئىسرائىلغا يان باسماس، تۆھمەت قىلساڭ بىلىپ قىل يالغان گىپىڭ چاك باسماس، ئەرەفات ۋە خاماستىن بىر گەپ بىلەن تاڭ ئاتماس. بىلمىسەڭ گەر سۆزلىمە ،بولىۋالغىن خۇپسەن گاس. تەۋبە قىلسام نە يامان ، ساراڭ باركەن مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. ئايغا چىققان خەۋەرنى سەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدۇق، خۇدا بەرگەن قۇدرەت دەپ باشمالتاقتا داڭلىدۇق، سەن باشلىغان قايسى ھەق توغرا يولغا ماڭمىدۇق، سەندىن قاچان توغرا گەپ توغرا نىشان ئاڭلىدۇق. ئىتقادتىن ۋاز كەچسەم شۇندىلا بىز ئورتاقمۇ، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. مەنغۇ ئايعا چىقمىدىم ، سەنمۇ چىقىپ باقمىدىڭ، بىزلەردىغۇ مەكتەپ يوق ،سەن بولساڭمۇ ئاقمىدىڭ. بىزغۇ دىننى قوغدىدۇق، سەن قەيەردە چاقنىدىڭ؟، كاللىسى يوق ماڭقۇرۇت ،سەن شۇنچىلا پاكمىدىڭ. ئۆز قەۋمىگە ئىت بولۇپ قاۋايدىكەن مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق، نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق. ئەزان چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق، قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق. ئېيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟، جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟. بىل خۇدالىق ئالەم بۇ ھەددىڭدىن بەك ئاشمىغىن، ئۆز قەۋمىڭگە دوستۇڭغا سەن يۇنداڭنى چاچمىغىن. مەن سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ،كەل مىنىڭدىن قاچمىغىن، نەسىھەت بۇ چىندىلدىن،ئۆز دىينىڭنى باسمىغىن. ئۈگىنىپ باق دىينىڭنى پەن بىلەن دىن ئورتاقمۇ؟، ئۇيغۇر ئۈچۈن جۈپ قانات بىز بولايلى شۇنداقمۇ؟.xoxo
20 Comments
Muj@hid :allah rahmat kilsun . asanlik barsun kerindixim.548w
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ئالامەت يېزىپتۇ. بۇ شېئىرنى.
يازغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ۋە ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. ئامىين...552w
ئالامەت يېزىپتۇ. بۇ شېئىرنى.
يازغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ۋە ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. ئامىين...552w
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماۋۇ شىئىر بەك ياخشى كەن ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ياخشى مەزمۇنلانى يوللاپ تۇرۇڭ بىزمۇ بەھىرلىنىپ تۇرايلى553w
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، بىز كىمنىڭ دوس كىمنىڭ دۈشمەن ، كىم ئۈممەت غىمىدە ، كىم ئىتلاردەك سۆڭەك غىمىدە ئىكەنلىكىنى ئەقىل كۆزىمىز ئارقىلىق تونىيالايمىز ، خەلقىمىزمۇ كىمنىڭ ھەق ،كىمنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى تونىيالايدىغان دەرجىگە يەتتى ، بەزى ئتلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا. ان شاء الله بىزلەرگە ئاللاھ نىڭ يارىدىمى كىلۋاتىدۇ . مەسچىتلىرمىزگە ئادەملەر پاتمايۋاتىدۇ ھەقىقەتچى ، تەۋھىتچى ئالىملىرمىزمۇ تۈگەپ كەتكىلى يوق ،بىز ئەنە شۇنداق ئالىملىرمىزغا ئەگىشمىز ھەم جان بىرىشكە تەييار الله اكبر الله اكبر الله اكبر561w