553w
🌹ئۆز تۈرۈك 🌹
(Hi No. 2054157)
ئاۋامنى كونترول قىلىشتىكى 10 ئىستىراتىگىيە __نوئام چومىسكى (زىلۇريۇم تەرجىمىسى) 1 - دىققەتنى بۇراش بۇ ئاۋامنى، جەمئىيەتنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق ئىستىراتىگىيە بولۇپ، جەمئىيەت رايىنى ھەقىقى كىرزىس ۋە ھۆكۈمەت يۈرگۈزىدىغان ئاساسلىق ۋە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشتىن مەھرۇم قىلىپ ، پۈچەك ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىپ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراشنى كۆرسىتىدۇ . دىققەتنى بۇراش يەنە ئاممىنى ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، نېرۋا بىئولوگىيسى، تور بىلىملىرى ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئىلىم - پەن ئىگەللەشتىن مەھرۇم قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان باشقا ساھەلەرگە بۇراشتىكى بىر مۇھىم چارە. "ئاۋامنى پۈچەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قالدۇرغىنكى ، ئۇنىڭغا ئويلانغىدەك پۇرسەت چىقمىسۇن. باشقا ھايۋاناتلار بىلەن قورۇقتىلا قالسۇن "(جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار دېگەن كىتابتىن) 2 - كىرزىس پەيدا قىل، ئاندىن ئۇنىڭ چارىسىنى بەر. بۇ ئۇسۇل ، كىرزىس- ئىكاس- چارە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلىۋىدە مەلۇم كىرزىس ياكى قىيىنچىلىق مەقسەتلىك ھالدا پەيدا قىلىنىدۇ ۋە ئاۋامنىڭ مەلۇم تەرىزدە ئىنكاس قايتۇرىشى مەقسەت قىلىنىدۇ ۋە ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەت خالىغان بىرەر ئىشنى تەلەپ قىلىشى كۈتۈلىدۇ . مەسىلەن : قالايمىقانچىلىق، زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ. تاكى ئاۋام، ئەركىنلىكى ھېسابىغا بولسىمۇ تېخىمۇ چىڭ قانۇن تەلەپ قىلغۇچە. ياكى مەلۇم شەكىلدە ئىقتىسادى كىرزىس پەيدا قىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامغا سۇنۇشى كېرەك بولغان ئىجتىمائى خىزمەتلەر ئازىيىپ كەتسىمۇ كىرزىس باھانىسىدە ئاۋام بۇنى قوبۇل قىلىپ كېتىدۇ . 3 - تەدرىيجىلىك. نورمال ئەھۋالدا دەرھال بىراقلا تەدبىقلانسا قوبۇل قىلىنمايدىغان بىرەر ئىجتىماى ئۆزگىرىش ياكى تۈزۈم خۇددى رەڭ سپېكتېرىدەك تەدرىجى ھالەتتە تەدبىقلىنىدۇ، مەسىلەن 5-10 يىل ۋاقىت ئىچىدە. بۇ ئۇسۇل ئۆتكەن ئەسىردە ،80-90 يىللاردا كەڭرى دائىرىدە ئىشسىزلىق، ئىقتىساد ئاجىزلىقى، مۇئاش تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىقتىسادى - ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە تەدبىقلاندى. ئەگەر بۇلار بىرلا يۈرگۈزۈلسە ئاۋام كەسكىن قارشى چىقار ئىدى. ( ئىسسىق سۇغا تاشلانغان پاقىنىڭ مەسىلى)" 4 - كېچىكتۈرۈش. بۇمۇ ئاۋام دەرھال قارشى چىقىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان قارارلارنى تەدبىقلاشتىكى چارە - ئۇسۇلنى "ئازابلىغۇچى(ئېچىنىشلىق) ئەمما زۆرۈر" بولغان ھەل قىلىش چارىسى شەكلىدە سۇنۇش. بۇنىڭدا كەلگۈسىدە مەلۇم قارارنى يۈرگۈزۈشتە ئاۋامنىڭ ھازىرقى ماقۇللىقى ئېلىنىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدىكى نامەلۇمنى قوبۇل قىلىش ھازىرقى ئېنىقنى قوبۇل قىلىشتىن ئاسان. چۈنكى ئاۋام دائىم كەلگۈسى ھەردائىم پارلاق دەپ ئويلايدۇ . كەلگۈسىدە قۇربانلىق بېرىش ئازىيىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئاخىرىدا ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئاۋام بۇ قارارغا ئاستا_ ئاستا كۆنۈپ ، ۋاقتى كەلگەندە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ . 5 - ئاۋامغا كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلىش. ئاۋامغا يۈزلەنگەن باياناتلار، ئېلانلار، ئۇقتۇرۇشلار بالىلارغا قىلىنغاندەك بۇيرۇق شەكلىدە بولىدۇ . ئېزىقتۇرۇش كۈچلۈك بولغانسىرى گەپنىڭ ئورامى شۇنچە كەسكىن ۋە قوپال بولىدۇ . نىمىشقا ؟ چۈنكى كۆپىنچە ھالدا چوڭ بىر كىشىگە 12 ياشلىق بالىغا سۆزلىگەندەك خىتاپ قىلسا، بۇ كىشىنىڭ ئىنكاسى رىئاللىقتىكى بىر 12 ياشلىقنىڭ ئىنكاسىدەكلا بولىدۇ .(جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار دېگەن كىتابتىن) 6 - ئەقىلنى قويۇپ ھېسياتقا خىتاپ قىلىش. ھېسياتقا كۈچەش لوگىكىلىق تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى توسۇپ قويۇشتىكى بىر تېخنىكا. بۇ ئارقىلىق كىشىلەردىكى تەنقىد تۇيغۇسى چەتكە قېقىلىدۇ. ھېسياتقا قارىتىلغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەندە بىۋاستە يوشۇرۇن ئاڭغا تەسىر قىلىپ، كىشى خالىمىغان ھالدا مەلۇم ئىدىيە، پىكىر، قورقۇنچ، ناچار ئىش _ھەرىكەتنى سىڭدۈرىۋەتكىلى بولىدۇ . 7 - نادان قالدۇرۇش. بۇنىڭدا ئاۋامنى كونترول قىلىش ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكىغا ئېرىشىپ تۇرۇشى چەكلىنىدۇ. "تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگە سۇنۇلىدىغان مائارىپ ئەڭ ئۈنۈمسىز مائارىپ بولىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۈستۈن تەبىقىدىكلەر ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ پەرقنى بىلەلمەسلىكى كېرەك ." (جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار دېگەن كىتابتىن) 8 - ناچارلىقنى ياخشى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش. ئاۋامنى ناچارلىق، دۆتلۈك، بىلىمسىز- نادانلىقنى ئېسىل ئىش دەپ قارايدىغان قىلىش. 9 - قارشىلىق قىلغاندا گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدىغان قىلىش. بىر كىشىنى ئۇنىڭ بارلىق بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبكارى ۋە مەسئۇلىيەتچىسى پەقەت ئۆزىلا دەپ قارايدىغان قىلىش. ھەم بۇنداق بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زېرەك ئەمەسلىكى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقىدىن، يىتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش. بۇ ئارقىلىق بۇ كىشى ناچار ئىقتىسادى تۈزۈمگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرمەستىن بەلكى ئۆزىنى ئەيىپلەپ، گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدۇ. نەتىجىدە پۈتۈن دۆلەت چۈشكۈنلىشىپ، بېكىنمە، ئىسلاھات ئىمكانسىز بىر ھالەتكە كېلىدۇ . 10 - كىشىلەرنى ئۆزىدىنمۇ بەك ئىنچىكە بىلىش . ئۆتكەن 50 يىلدا بىلىم شۇ قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتتىكى، ئاۋام بىلىدىغان بىلىم بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئايرىم تەبىقە مونوپۇل قىلىۋالغان بىلىم ئارىسىدا پەرق چوڭلاپ كەتتى . بىئولوگىيە، نېرۋا پەنلىرى، قوللىنىشچان پىسخىكا پەنلىرى ياردىمىدە ھۆكۈمەت ئىنسان پىسخىكىسىى، تەبىئىتىنى بىلىشتە ئىنتايىن ئىلگىرىلىدى. شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت نورمال بىر ئادەمنى ئۇ ئادەم ئۆزىنى بىلگەندىنمۇ بەك بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ مەنىسى _ ھۆكۈمەت ئۇ كىشىنى ئۆزىنى باشقۇرغاندىنمۇ بەك كونترول قىلالايدۇ دېگەنلىك.