562w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
……ئاياللار ھەققىدە سۆزلەنگەن ھىكمەتلەر-گۈزەللىكى بىلەن مەدھىيىلەنگۈچى خوتۇن گۈزەل ئەمەس، بەلكى تەربىيىلىك خوتۇنلار گۈزەلدۇر .
-خوتۇنلارنىڭ تەبەسۇم قىلىپ كۈلۈمسىرىشى نەقەدەر يېقىملىق بولسا .قاقاقلاپ كۈلۈشلىرى شۇ قەدەر يېقىمسىزدۇر .
-دۇنيانىڭ بەختسىزلىرى تەربىيىلىك خوتۇن بىلەن تەربىيىلىك بالىدىن مەھروم بولغان زاتلاردۇر .
-خوتۇنلارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى-ئۆزىنىڭ ئېرى ، ئەرلەرگە ئەڭ قىممەتلىك كىشى -ئانىسىدۇر .
-ئاۋۋال ئاناڭغا ياخشىلىق قىل ، ئاندىن ئاتاڭغا .
-قايسىبىر خوتۇن ئېرىدىن سەۋەپسىز تالاق قىلىشنى سورىسا ،ئۇنداق خوتۇنغا جەننەتنىڭ ھىدىمۇ ھارامدۇر.
-بىر خوتۇن ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن چىقىپ كەتسە ،ئۆيىگە قايتقۇچە ياكى ئېرىنىڭ رازىلىقىنى ئالغۇچە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدە بولىدۇ .
-ئاللاھ تائاللانىڭ كۈچسىز بەندىسى بولغان خوتۇنلارنى ئۇرماڭلار .
-ئاللاھنىڭ ئالدىدا كۆپ بالا تۇغقان ،بالا تۇغمىغان گۈزەل خوتۇندىن ئارتۇق سۆيۈملۈكتۇر .
-ئەر- خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا ،بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا ،پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ .
-جەننەتكە كىرىمەن دىگەن ئادەم ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالسۇن .
-خوتۇن كىشىلەردە ئەرنىڭ ھەققى كۆپرەكتۇر ،ئەرلەردەبولسا ئانىلارنىڭ ھەققى كۆپرەكتۇر .