Avatar
598w
muslima (Hi No. 2028954)
بەك ئىسىل يېزىلغان شېئىركەن! ‏مۇھەببەت ‹مۇھەببەت نېمە؟› دەپ سورىدى دوستۇم، بىلمىدىم ،قاي ھالدا بېرىشنى جاۋاب ، بۇ سۆزدىن يۈرىكىم كەلدى لەرزىگە ، تىكىلدى كۆزلىرىم ،ئاسمانغا قاراپ . مۇھەببەت نېمە؟-دەپ سورىما مەندىن ، يارالغان بۇ ئالەم مۇھەببەت ئۈچۈن ، ھەقىيقى مەشۇقنى بىلسە گەر ئىنسان ، كامالەت تاپقۇسى ،سۆيگۈ بىر پۈتۈن . مۇھەببەت -شاھادەت ،ئاللاھ بىر دىمەك، رەسۇلى كۆرسەتكەن ھەق يولدا يۈرمەك ، كەلسىمۇ مۇشەققەت ،چېكىنمەي ئەسلا ، ھەق ئۈچۈن مىسالى شام بۇلۇپ كۆيمەك . مۇھەببەت -دەل شۇدۇر ،بەش ۋاقىت ناماز ، ۋۇجۇدۇڭ شادلىنار ھەربىر سەجدىدە ، ھەر تەسبىھ ،دۇئادا ئالەمچە ھۇزۇر ، تىترىگەي يۈرىكىڭ سۆيگۈ ئەۋجىدە . مۇھەببەت -روزىدۇر ،نەپسىڭ پاكلىماق ، جىسمىڭنى گۇناھتىن پاكىز ساقلىماق ، مەئسىيەت قاپلىغان چاغدا زىمىننى ، قاراڭغۇ تۈنلەردە نۇر بوپ چاقنىماق . مۇھەببەت -مېلىڭنىڭ شۈكرىسى زاكات ، ئادا قىل پەرىزنى ،تاپقايسەن نىجات ، ئەقىل ھەم مال بەرگەن ئۇلۇغ رەببىڭگە ، ئىتائەت قىلمىساڭ ،ئەمەسمۇ ئۇيات ؟! مۇھەببەت -كەئبىنى تاۋاپ ئەيلىمەك ، ھاۋايى-نەپسنى خاراب ئەيلىمەك ‹ئەي ئىيمان ئېيىتقانلار ...!›دەپ قىلسا نىدا ، لەببەيكە رەببىم....دەپ جاۋاب ئەيلىمەك . مۇھەببەت-تەۋبىدۇر ،ئاللاھقا قايىتماق ، مەئسىيەت ،خاتادىن قول ئۈزمەك ،قاچماق ، ئۆكۈنۈپ ،ئاھ ئۇرۇپ ،گۇناھلىرىڭغا ، تۈنلەردە قۇلۇڭنى دۇئاغا ئاچماق . مۇھەببەت ساھىبى ئاللاھتۇر پەقەت ، شۈكۈر قىل ئۇنىڭغا ،قىلغىن ئىتائەت ، مۇھەببەت-رەببىڭنى ،رەسۇلنى تۇنۇش ، مۇھەببەت-ئىيماندۇر ،ئىيمان-مۇھەببەت ...... ‏ ‏ ‏پەرۋەردىگارىنىڭ ئىشقى ئاتەشلىرىدە ۋۇجۇدىنى گۈلخان قىلغان ،ھەممىدىن گۈزەل ،ھەممىدىن ۋاپادار ،بارچە گۈزەل سۈپەتلەرنىڭ ساھىبى بولغان يىگانە رەببى ئۈچۈن ،مۇشەققەت سەھرالىرىدا مەجنۇن بولغان بارلىق مۆئمىن-مۆئمىنە قېرىنداشلىرىمغا ئىككى دۇنيالىق ئامان-ئىسەنلىكنى ۋە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇبارەك جامالىغا مۇشەررەپ بولۇشنى تىلەيمەن .
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
20 Comments
muhajirتوغىرايول :582w
غرپ.مۇھاجر :بەك.ياخششي.بۇپتۇ585w
غرپ.مۇھاجر : 3'18" 585w
غرپ.مۇھاجر : 1" 585w
Xukre alla :Assalam586w
diL XaT : 7" 586w
DeLiM :Ho586w
♥سەردار♥ :بەك ياخشىكەن586w
دەستۇر ئۈممەت : 10" 587w
دەستۇر ئۈممەت : 4" 587w
XukRi(الله ) : 12" 587w
➰💲❗🔝🚫爱情♐ :ماشا ئاللا587w
NAFISA : →EbNu~iSLaM√588w
jannat yolida : 5" 588w
kuraxx : 1" 589w
ﺳﺎﻟﮫ ﺑﻪﻧدە : 6" 589w
fahri :Assalamu alaykum592w
محمد : 2" 595w
محمد : 3" 595w
→EbNu~iSLaM√ :پاھ ماشا ئاللا598w
See More
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms