563w
muslima
(Hi No. 2028954)
قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: بەنى ئىسرائىلنىڭ بشىغا كەلگەن ( ۋەيرانىلىق.خارلىق) كۈنلەر مىنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بېشىغىمۇ بىرمۇ بىر كىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشكارا ھالدا ئانىسىغا يىقىنچىلىق قىلغانلار بولسا. مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىمۇ شۇنداق قىلىدىغانلار بولىدۇ. بەنى ئىسرائىل يەتمىش ئىككى پىرقىغە بۆلۈنۈپ كەتكەن. مىنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىدۇ. يەتمىش ئىككىسى دوزەخقە كىرىدۇ. ساھابىلەر: يا رەسولۇللاھ . جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقىسى قايسى دەپ سورىغاندا. رەسولۇللاھ: مەن ۋە ساھابىلېرىم تۇتقان يولنى تۇتقانلار دىدى .رواه الترمذي.155 . الباني ھەسەن دىگەن. ئەقىل ئىگىسى بولغانكى ئويلۇنۇڭ سىز قايسى پىرقىدىكەنسىز مالىك ئىبنى دىنار كىچىك ۋاقتىدا بىر كۈنى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. ئوقۇپ" ئىييەكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيەكە نەستەئىيىن ( يالغۇز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، يالغۇز سەندىن ياردەم تىلەيمىز) " دېگەن ئايەتلەرنى ئوقىۋاتقاندا خۇددى يۈرىكىگە تىكەن سانجىغاندەك تېترىدى ۋە ھىچقىرىق تۇتۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاققاچ مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندا بولمىسا ئىدى ۋە ئوقۇلۇشى ئەمر قىلىنمىسا ئىدى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئوقۇماستىم، دېدى. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلار ئىدىڭ دەپ سورىغاندا : ئايەتتە :پەقەتلا ساڭىلا ئىبادەت قىلىمەن، دەيمىز، بىراق ئۆزەم بۇنى بىلىمەنكى، مەن يەنىلا نەپسىمگە قۇل بولىۋاتىمەن. پەقەت سەندىنلا ياردەم سورايمىز، دەپ تۇرۇپ، يەنىلا بىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش، بىرىلىرىگە دەردىمدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرمەكتىمەن. بۇ قانداق بىر قۇللۇق؟ دېدى.