563w
muslima
(Hi No. 2028954)
گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن ئادەم مەن بىر سودىگەر ئىدىم. مال- دۇنيالىرىممۇ كۆپ ئىدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قىلىپ،تەكشۈرتكىلى دوختۇرغا باردىم. دوختۇر مەندە ئۈچ خىل كىسەل بارلىقىنى، ۋاقتىمنىڭ ئۇزاق قالمىغانلىقىنى، ئۇنى ئوپراتسىيە قىلدۇرساممۇ ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ ئاي ياشىيالايدىغانلىقىمنى ئىيتتى. مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي ، چەتئەلگە كىسەل كۆرسەتكىلى چىقتىم ، مەن چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتكەن بولساممۇ ، ئۇلار ئوخشاشلا دۆلىتىمدە دېگەەندەك دېدى. مىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرسام بولىدىغانلىقمنى ، لېكىن ئوپراتسىيىدىن ساق چىقىشىمغا بىر نېمە دىيەلمەيدىغانلىقنى ئېيتتى. مەن دوختۇرغا ئۇنداق بولسا ۋەتىنىمگە قايتىپ ، ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كىلىپ، ئوپراتسىيە قىلدۇرىدىغانلىقمنى ئېيتتىم. ئۇ قوشۇلدى. ۋەتنىمگە كىلىپ مال-مۈلىكىمنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ماڭىدىغان ۋاقتىمدا بىر قاسساپ دوستۇم بولىدىغان، شۇنىڭ قىشىغا بېرىپ كۆرۈشكىلى كەلدىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ كىسەللىكىمنى پات ئارىدا چەتئەلگە ئوپىراتسىپە قىلدۇرغىلى باردىغانلىقمنى، ساق كىلەلىشىمدە بىر نەرسە دىيەلمەيدىغانلىقمنى ئېيتىپ، ئولتۇرسام بىر ئايال كىلىپ دوستۇم تاشلىۋەتكەن سۆڭەكلەرنى تىرىپ ئەكەتتى. مەن ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم، باشقا گەپ قىلمىدىم. كىيىن ماڭىدىغان ۋاقتىمدا ئۇ دوستۇم بىلەن خوشلاشقىلى كەلسەم، ئۇ ئايال يەنە سۆڭەك تەرگىلى كەپتۇ. مەن ماڭغاندا دوستۇمغا ئۇنى چاقىرىپ كىلىشنى ئېيتىتىم. ئۇ كەلدى مەن ئۇنىڭدىن : نېمىشقا تاشلىۋەتكەن سۆڭەكنى تىرىيدىغانلىقنى سورىدۇم. ئۇ : مەن ئۈچ بالا بىلەن قالغان تۇل ئايال ،ئىرىم ئۆلۈپ كەتكەن. بىر يەرلەردە ئىشلەي دەپ بارسام ئەرلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىدىم، ئۇ يەردە ئىشلىمەي مۇشۇ يەردە تاشلىۋەتكەن سۆڭەكلەرنى ئاپىرىپ بالىلىرىمغا قاينىتىپ بېرىپ ، جېنىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق دېدى. مەن ئۇ ئايالغا پۇل بېرىپ، بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق قىلماسلىقنى دەپ ، دوستۇمغا بۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ ھەر قانداق خىراجەتلىرىنى بېرىشكە ، كەلسە گۆش بېرىشكە، چىقىملىرىنى مەن كۆتۈرىدىغان بولۇپ، دوستۇمغا پۇل بەردىم. ئۇ ئايال ماڭا شۇنداق كۆپ دۇئالارنى قىلىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇ يەردىن قايتىپ ، ئوپراتسىيە قىلدۇرغىلى چەتئەلگە ماڭدىم. دوختۇرخانىغا كىلپلا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، مېنى ئوپراتسىيە قىلسا بولىدىغانلىقنى دىدم. ئۇ: سەن بىر مەزگىل ۋەتىنىڭگە بېرىپ كەلدىڭ ، كىسىلىڭدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ-يوق ئوپراتسىيىدىن ئاۋال بىر تەكشۈرۈپ كۆرەيلى دېدى ، تەكشۈرسە مەندە ھېچقانداق كىسەل چىقمىدى. ھەر خىل ئۈسكۈنلەرگە سىلىپ تەكشۈرۈپ كۆردى ، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش . دوختۇر ھەيران بولۇپ : سىنىڭ كىسىلىڭ ساقىيىپ كىتىپتۇ. ئوپراتسىيە قىلمىساقمۇ بولىدىكەن ، قانداق قىلىپ ساقايدىڭ ؟ قايسى دورىلارنى يىدىڭ ؟ دەپ سورىدى. مەن : مۇشۇ يەردىن كەتكەندىن بېرى دوختۇرغا كۆرۈنمىگەنلىكىمنى ، بەرگەن دورىسىدىن باشقا دورا يەپ باقمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ : بولدى سەن قايتساڭ بولىدۇ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كىتىپسەن دېدى. مەن چەكسىز ھاياجان ئىچىدە شۇ ۋاقىتتا شۇ ئايالنىڭ دۇئا قىلغىننى ئويلاپ ئاللاھغا كۆپ شۈكۈرلەرنى ئېيتتىم. قايتىپ كىلىپلا ئۇ ئايالنى ئىزدەپ تېپىپ نىكاھىمغا ئالدىم ۋە بالىلىرىنى بىرلىكتە تەربىيلىدىم . ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن تۇرمۇشىمىز ياخشى كىتىپ بارىدۇ. ئاللاھغا ھەمدىلەر بولسۇن. مانا بۇ مىنىڭ ھەقىقى كەچۈرمىشىم. بىز ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كىچىككىنە ياخشىلىق قىلساق ئاللاھ بىزگە ئويلىمىغان يەردىن چىقىش يولى ئاتا قىلىدىكەن. شۇ ۋاقتىلاردا مىنىڭ ئۆمرۈم ئاز قالغانلىقىنى بېلىپ بەكلا مەيۈسلىنىپ ، بېشىم چۈشۈپ كەتكەن. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق قىلغان ئىدىم ئاللاھ مېنىڭ كىسىلىمنى مەندىن كۆتۈرۈۋەتتى.