563w
muslima
(Hi No. 2028954)
ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم كۆرسىتىپ قويغان تەۋبە يولى ... رىۋايەت قىلىنىشىچە بىر كىشى ھەزرىتى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: ئى ئىبراھىم! مەن نەپسىمگە پەقەت ئىگە بولالمايۋاتىمەن، ماڭا نەپسىمنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىپ قېلىشىدىن توسوپ قالىدىغان ۋە نەپسىمنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويساڭ! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بۇ كىشىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: ئەگەر سەن مۇنداق بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساڭ، قىلغان گۇناھلىرىڭ ساڭا زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، سۈرگەن ئەيش-ئىشرەتلىرىڭمۇ سېنى قىلچە ئازاب-ئوقۇبەتكە يولۇقتۇرمايدۇ. ھېلىقى كىشى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمگە: ئەمىسە بۇلارنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن دەپتۇ! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: بىرىنچى تۈرلۈك ئىشقا كەلسەك، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ ئۇ بەرگەن رىزىقنى ئەسلا يېمە! .... ھېلىقى كىشى: زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا تەۋە رىزق تۇرسا، مەن قەيەرلەردىن رىزق تېپىپ يەي؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: مانا، دېمەك ئاللاھ بەرگەن رىزقىنى يەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىي گۇناھكار بولۇشۇڭ سېنىڭچە توغرىمۇ؟ ھېلىقى كىشى: ياق، توغرا ئەمەس، ماڭا ئىككىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرگىن! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسېى بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭغا تەۋە ھېچبىر شەھەردە تۇرما! ھېلىقى كىشى: بۇ قانداق بولغىنى، بۇ ئىككىنچى ئىش ئالدىنقىسىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنغۇ، مەشرىق بىلەن مەغرىپ ئارىسىدىكى ھەممە جاي ئاللاھقا تەۋە تۇرسا، قەيەردىمۇ ياشاي؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ھەببەللى، دېمەك ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تەۋە جايدا ياشاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاسىي گۇناھكار بولۇشۇڭ سەنچە توغرىمۇ؟ ھېلىقى كىشى: ياق، توغرا ئەمەس، ئەمدى ئۈچىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرگىن! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئوبدان قارىغىن ۋە ئۇ سىنى كۆرمەيدىغان بىرەر جاينى تېپىپ ئاشۇ يەردە گۇناھ ئۆتكۈزگىن! ھېلىقى كىشى: ھەي ئىبراھىم، بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ، ئاللاھ ھەممە سىرلاردىن خەۋەردار زات ئەمەسمۇ؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: مانا ئەمەسمۇ، دېمەك سەن ئۇ بەرگەن رىزىقنى يەپ، ئۇ تۇرغۇزغان شەھەردە ياشاپ تۇرۇپ، سېنى ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە قىلغان ھەممە قىلمىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتقا ئاسىي گۇناھكار بولغانلىقىڭ سېنىڭچە توغرىمۇ؟ ھېلىقى كىشى: ياق، توغرا ئەمەس، ئەمدى ماڭا تۆتىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرگىن! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ناۋادا سېنى قەبزى-روھ قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىسى ئالدىڭغا كەلسە ئۇنىڭغا: مەن ئالدى بىلەن ئاللاھقا خالىس تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالاي-دېگىن! ھېلىقى كىشى: ئەزرائىل گېپىمگە قۇلاق سالمايدىغان تۇرسا؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: مانا ئەمەسمۇ؟ دېمەك ساڭا ئەزرائىل كەلسە ئۇنىڭ ساڭا مۆھلەت بەرمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپسەن ، گۇناھلىرىڭغا تەۋبە قىلىۋىلىشىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۆلۈمدىن بىردەملىك نېرى قىلالمايسەنۇ، ئۆلۈمدىن خالاس بولالايدىغىنىڭدىن قانداقمۇ ئۈمىت كۈتىسەن؟ ھېلىقى كىشى: ماڭا ئەمدى بەشىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرگىن! ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: ئەگەردە قىيامەت كۈنى زەبانيە دەپ ئاتالغان دوزاخنىڭ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى سېنى دوزاخقا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلار بىلەن ھەرگىز بىرگە ماڭما! ھېلىقى كىشى: ئۇنداق پەيتتە ئۇلار مېنى قويۇپ بەرمەيدىغان، گەپلىرىمگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايدىغان تۇرسا؟ ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم شۇئان ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا سېنىڭ نىجات تېپىشىڭ ئۈچۈن يەنە نېمە ئىش قالدى-دەپتۇ؟ ھىلىقى كىشى: ئى ئىبراھىم! دېگەنلىرىڭ ماڭا يېتەرلىك بولدى، ئەمدى مەن ئاللاھقا تەۋبە-ئىستىغپار قىلىپ ئۇندىن كەچۈرۈم تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا خالىس تەۋبە قىلىمەن دەپتۇ، ھەمدە ئۇ كىشى تاكى بۇ ئالەمدىن ئايرىلغانغا قەدەر ھاياتىنى ئەمەل-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى قولدىن بەرمەپتۇ. .........مىن!!!!!