563w
muslima
(Hi No. 2028954)
【يىغلايمە】 يىغلايمە... ئۇ ھەيران قېلىپ سورىدى: يىغلامسىز..؟ نىمە ئۇچۇن يىغلايسىز..؟ مەن دىدىم: يوقاپ كەتكەن ھايالىرىمىز، تۇگۇشىۋاتقان ئەخلاقىمىز، چۇشكۇنلىشىۋاتقان ياشلىرىمىز، زەيپانىلىشىۋاتقان ئەركەكلىرىمىز، ئېچىلىۋاتقان بەدەنلىرىمىز ، سېتىلىۋاتقان ئىپپەت - نۇمۇسلىرىمىز، نامى قالغان دىينىمىز، ئەمەلىيتى يوق ئەقىيدىمىز، بىرلىك يوق دىلىمىز، شالغۇتلىشىۋاتقان تىلىمىز، .... يېغىپ ئېيتقاندا قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئادىمىيلىكىمىز ئۇچۇن يىغلايمە... ئەجىبا بۇلار يىغلاشقا. كەتكۇزۇپ قويغانلىرىمىز ئۇچۇن ئاھ چىكىشكە، پۇشايمان قىلىشقا ئەرزىمەمدۇ..؟؟؟؟ ئەمىسە مەن سوراي:سىز نىمە ئۇچۇن يىغلايسىز...؟ باي - غوجاملاردەك ياشىيالمىغىنىڭىزغىمۇ..؟ ئاغچى - خېنىملاردەك ھالاۋەت سرەلمىگىنىڭىزگىمۇ..؟ ئىسىل ماشىنا، ھەشەمەتلىك داچىلىرىڭىزنىڭ بولمىغانلىقىغىمۇ؟ ياكى ئاللىقانداق ۋاقىتلىق دۇنيالىقىڭىز ئۇچۇن يىغلامسىز ..؟ ئەگەر شۇنداق بولسا خاتالاشتىڭىز. سىزگە دىسەم بۇنداق قىلىش بنۇرمال كىشىلەرنىڭ ئىشى. شۇنى ئۇنۇتماڭ سىز بۇ دۇنياغا بىر مىھمان . ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاپ قايتقان مىھماننىڭ ئىسىل مىھمان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز، ئەمما سىز بۇ دۇنيادا ئىززەت - ھۆرمىتىڭىزنى ساقلىمىغان مىھمان تۇرۇپ يەنە رەببىڭىز ئالدىدا (نەزىرىدە) ئىسىل، ياخشى بەندە ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بارمۇ..؟ يەنە دەيمەنكى ئاللاە سىزنىڭ كېلىشكەن تۇرقىڭىزغا، چىرايلىق يۇزلىرىڭىزگە قارىمايدۇ، بەلكى قەلبىڭىزگە،ئەمەللىرىڭىزگە قارايدۇ. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك قىممەتكە ئىگە بولمىغان دۇنيا ئۇچۇن يەنە يىغلامسىز..؟؟؟ ھەقىيقى يىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۇمۇد قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ، چىن قەلبىدىن تەۋبە قىلىپ تۇرۇپ تۆكۇلگەن ياشتۇر .. ھەيرانمەن .... يېقىن ئادەملىرىڭىزدىن يىراقلاپ كەتسىڭىز ياكى ئايرىلىپ قالسىڭىز تاس قالىسىز ياشاشتىنمۇ ۋاز كەچكىلى.. ئەجىبا سىزنى ياراتقان رەببىڭىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكىنىڭىزنى ھىس قىلغاندا يىغلاپ باقتىڭىزمۇ..؟ سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز، ديني قوماندانىمىز مۇھەممەد (صلي الله عليه وسلم) دىن ئايرىلىپ غېرىپلىق ھىس قىلغىنىڭىزدا يىغلاپ باقتىڭىزمۇ..؟ ... مەن ئۆز رەببى ئۇچۇن يىغلىيالىغۇدەك قەلىپ ئاتا قىلغان رحمن الرحيم بولغان رەببىمگە يىغلايمە....
7 Comments
qalkux :
3"
550w