563w
Uyghur man
(Hi No. 1370975)
بىر كۈنى كوت-كوتۇمنى ئېچىپ ئولتۇرسام، قاي زامانلاردا قوشۇۋالغان بىر دوستۇم خەت قالدۇرۇپتۇ. خەتنىڭ ئاستىدا ئادىرىس باركەن، ئۇ ئادىرىسنى ئېچىپ مەزمۇنىنى كۆرۈپ بولغۇچە مىچىلداپ يىغلاپ كەتتىم.ئەسلىدە جەنۇپتىكى مەلۇم ۋىلايەت، مەلۇم ناھىيەدە خىزمەت قىلىدىغان بۇ تورداش ماڭا ئۆز ناھىيسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجە تىزىملىكىنى ئەۋەتكەن ئىكەن. تىزىملىكتىكى نومۇرلارنى كۆرگەن ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسى يىغلىماي قالمايدۇ! چۈنكى، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ھېساپلىنىدىغان ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىن ئالغان نومۇرلىرى كىشىنى دەھشەتلىك قورقۇنۇشقا مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، يۈرەك باغرىڭىزنى چەكسىز ھېسداشلىق تەشۋىشلىرى قاپلايدۇ. مىللىتىنى ۋە سەبىيلەرنى سۆيىدىغان ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ نومۇلار تىزىملىكىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا...ھۆڭرەپ يغىلىۋېتىدۇ ئەمەس، غەزەپ ۋە نەپرەت ئىلكىدە مىڭىسى قايناپ پارتىلاپ كېتىشى مۇمكىن.
كېيىن، بۇ تورداش بىلەن كوت-كوتتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىرلەشتۇق، ئۇنىڭ سۆزىچە، ئەگەر بۇ نەتىجىلەرنى خەلقى ئالەمگە ئېلان قىلىۋەتسەك، ئۇنىڭ خىزمىتى ھەتتا بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچىرىشى مۇمكىنكەن. بۇرۇنمۇ ئازراق بىر ئۇچۇرنى ئاشكارلاپ قويۇپ، كۆپ دىشۋارچىلىقلار يولۇققاچقا ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا، مېنىڭ بىر ئامال قىلىپ بۇ نەتىجىلەرنى، ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ توردا يوللىۋېتىشىمنى تاپىلغانتى. لېكىن، مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنى ئاشكارلىماسلىقنى قارار قىلغانتىم، بىراق، شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرىكىمدە بىر گادا پەيدا بولۇپ، ئىنتايىن بىئارامسىلىنىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم، چۈشلىرىمدە تۈمەنلىگەن سەبىيلەر قوللىرىغا 0، 5، 7 ، 11، 12، 13، 14، 15، 17، 19، 21، 32. 34، 40، 43، 56، 58، 60، 67،...رەقەملەر يېزىلغان ئىمتىھان سوئال قەغەزلىرىنى كۆتۈرگىنىچە يىغلاپ تۇرغان ھالەتتە ئايان بولىدىغان بولىۋالدى. بەلكىم، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، پۈتۈن ناھىيەدىكى نەچچە ئون مىڭلغان ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجىسى ئارىسىدا ئىمتىھاندىن 90 نومۇر ئېلىپ ئۆتكەنلەر يوق، 80 نومۇر ئالغانلار ھەم يوق...70 نومۇر ئالغانلار بىر، ئىككى...نەپەر خالاس.
توردىشىمنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى بۇ قېتىملىق نەتىجىدىنمۇ ئېچىنىشلىق نەتىجە مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپتىكەن. لېكىن، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر مەخسوس خىزمەت گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، بۇ نومۇرلارنى قايتىدىن تۈزەپ، ئوڭشاپ، يالغاندىن لاياقەتلىك قىلىپ يۇقىرىغا، ئاپتونوم رايونغا يوللايدىكەن.بارلىق ئىمتىھان نەتىجە قەغەزلىرىنى خاس تەيىنلەنگەن خەنزۇ مۇئەللىملەر قايتىدىن ئىمتىھان بەرگەندەك تۈزىتىپ چىقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ناھىيە ھەر يىلى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئىلغار بولىۋېتىپتۇ. بىراق، بۇنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغىنى دۆلەتنى ئالداش، مىللەتنى نادان قالدۇرۇش، مائارىپ قانۇنىغا ،خىلاپ جىنايى قىلمىشلار ئىكەن.
توردىشىم، بۇنى ماڭا يوللاپ بەردى، مەن ئەمدى كىمگە يوللىشىم كېرەك...؟! ئاشۇ مۇدىھىش تۆت تامنىڭ ئىچىدە كۆزلىرىنى مۆلدۈرلۈتۈپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئولتۇرغان بالىلارنى قاراپ تۇرۇپ نابۇت قىلىۋېتەمدۇق؟! ئاخىرى بۇ ئىشنى تورغا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرگىلى تۆۋەنگە چۈشكەندە، داستىخانغا دۈم چۈشمەي ئەل ئارىسىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا يوشۇرۇن سىڭىپ كىرىپ بۇ ناھەقچىلىكەرنى تەكشۈرەش تەكلىپىنى بولسىمۇ بېرىپ قوياي، دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر سىزلەر ھەرقايسى ۋىلايەت ،شەھەرلەرگە داغدۇغا بىلەن تەكشۈرەشكە كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىۋەتسىڭىزلەر، سىزلەر بىلمەكچى ، تەكشۈرمەكچى بولغان بارلىق ئىشلار يوشۇرۇنۇپ بولغان بولىدۇ.
دۆلەت زۇڭلىسى ۋىن جىيا باۋ تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەلنىڭ، خەلقئارانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، ئۇنىڭ مۇلايىملارچە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان تۇرقى پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلدى. لى كېچاڭمۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭماقتا...جۇڭگو چۈشى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ جۇڭگو مەدەنىيتىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان، نوپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان، جۇڭگودىكى 5 چوڭ مىللەتنىڭ بىرى سانىلىدىغان ئۇيغۇر مائارىپىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو چۈشى، ئۇيغۇر ئارزۇسىغا چوقۇم دېققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتىيالمىسىمۇ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكىرتارى جاڭ چۈنشەن ۋە ياكى قوش تىل ھىماتچىسى رەئىس نۇر بەكرىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەگەر مائارىپ- مەغلوپ بولسا، مائارىپ- ساختلىق بىلەن نىقاپلانسا، مائارىپ قوشۇنىغا بىر ئۇچۇم دۆلەتنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مائارىپ قانۇنىنى قانۇنلىق ئىجرا قىلمايدىغان نادان كىشىلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋالسا، بۇنداق مائارىپ پەقەت بۇ دۆلەتكە بىر تۈركۈم قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئەسەبىي جىنايەتچىلەر قوشۇنىنى تەربىيلەپ بېرىدۇ خالاس! ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرى نىمە بولماقچى؟! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئاممىسنىڭ مائارىپى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى تەكشۈرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن...بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قانۇن، سىياسەتلىرىنى باراۋەر يولغا قۇيۇشى ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئەبەدىيلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
2013-يىلى5-ئاينىڭ21- كۈنى قومۇل
http://bbs.bagdax.cn/thread-18838-1-1.html