2'37"
562w
فۇرقان
(Hi No. 1409426)
يۈرەكلەر يىغلايدۇ تۆكۈپ يېشىنى،تاپالماي ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى،
يورۇماس جاھانمۇ كۈن تۇتۇلغاندەك،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
دۇنيانى قاپلىدى زۇلمەت تۇمانى،
كۆزلەر ھەم باغلاندى كۆرەلمەس ئۇنى،
كۆڭۈللەر خارامۇش، خۇددى سەرراپتەك،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
زىندانلار لىق تولدى مۇسۇلمان بىلەن،
يېتىملەر كۆپەيدى ئاتا ئانىسىز،
ئىنساپ ۋە ئادالەت قالمىدى زىنھار،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
ھەسرەتلىك كۆزلەردە ياشمۇ قالمىدى،
مۆئمىنگە خاتىرجەم ھايات بولمىدى،
ھەر بىر كۈن ئۆتىدۇ خۇددى ماتەمدەك،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
مەزلۇمە ھەمشىرەم قىلماقتا نالە،
ئېي ئۈممەت!ھالىڭ نە قۇتقازغىن مېنى،
ۋە لېكىن بارچىسى غەپلەت ئۇيقىدا،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
قۇربانلىق دىن ئىدى ئىسلام ئەسلىدە،
ئەپسۇسكى تەسەددۇق قىلمىدۇق جاننى،
نېچۈك بۇ ھالەتتە ياشايمىز ئىنسان!!
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
زىمىننى قاپلىدى زۇلۇم ۋە سىتەم،
يۈرگۈزدى بۇ نىجىس كافىر قانۇنى،
بىز كىمنىڭ قۇلىمىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
ئەسھابلەر ھاياتى بولغۇسى ئۈلگە،
تۆكۈلگەن قانلاردىن ئېچىلغان غۇنچە،
ئەمما بۇ زاماندا بولمىدى ئۇنچە،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
ئالىمسەن ۋە لېكىن ئەمەلىڭ قېنى،
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىشىڭ قېنى،
بىلمىدىڭ ئەي ئۈممەت دۈشمەنلىرىڭنى،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
ئىتائەت اللەكە بولسۇن ھەر زامان،
كافىردىن يۈز ئۆرۈپ اللەكە باغلان،
اللەنىڭ قانۇنى ئۈستۈندۇر ھامان،
ئۈممەتنىڭ ئادالەت بايرىقى قېنى…
ئىسلامنى ئىززەتكە باشلىغىن ئەمدى،
قولۇڭدا قارا بايراق لەپىلدەپ تۇرسۇن،
ياڭرىتىپ سەنمۇ ھەم تەكبىر ساداسى،
ئاڭلىغان مەزلۇمنىڭ يۈرىكى كۈلسۇن…
شاتىرى