556w
Kisaskar Kisask
(Hi No. 2187599)
«ئىسلام قىزى»1—
ئەدەپ ئەخلاق بابىدا ،
پۈتۈن جاھان ئالدىدا ..
ھايا ئىپپەت نۇمۇسچۈن ،
قىلاي دەيدۇ جان پىدا .
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
2-
قىشتىمۇ ھەم يازدىمۇ ،
ھىجابىنى ئالمايدۇ .
ئىتائەتمەن بولغاچقا ،
بازارلاردا يۈرمەيدۇ.
ەەەەەەەەەەەەەەەەە
3-
ھەقىقەتتىن قاچمايدۇ،
دائىم ئۇخلاپ ياتمايدۇ،
ئىككى تەڭگە پۇل ئۈچۈن،
ئىپپىتىنى ساتمايدۇ
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
4-
ھەقىقەتنى سۆكۈشكە
ھەرگىز قوشاق قاتمايدۇ.
ئىسلام دىننىڭ يۈزىنى.
جان كەتسىمۇ تۆكمەيدۇ.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
5-
نامەھرەملەر ئالدىدا.
نايناقىلىشپ يۈرمەيدۇ،
خام خىياللار ئىچىدە .
بەخىت پەيزى سۈرمەيدۇ.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە.
.
6-
بىلىم بىلەن ھەركۈنى
چولپان بولۇپ چاقنايدۇ.
باھاردىكى دەرەختەك
كۆكلەپ گۈللەپ ياشنايدۇ.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
7-
ئۆزدىنىنى قوللايدۇ.
ئاڭا سالام يوللايدۇ.
بۇزماق بولسائۇنى كىم
چالما ئېتىپ توۋلايدۇ.
.ەەەەەەەەەەەەەە
8-
باش ئەگمەيدۇ ناھەقكە
سەبىرقىلار بار دەرتكە.
ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەس .
بولار دائىم تائەتتە.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەە
9-
ئاش ئىتىشتىن ئېرىنمەس ،
قاچا قۇچىدىن زىرىكمەس.
ھورۇنلۇقنى يات بىلىپ ،
ئۇنىڭ بىلەن برىكمەس .
ەەەەەەەەەەەەەەەەەە
10-
تەبەسسۇمى ئۈزۈلمەس.
قاپاق تۈرسە بىلىنمەس.
دۇنيا ئۈچۈن. باشقىغا.
دىنسىزلاردەك يىلىنمەس .
ەەەەەەەەەەەەەەەەە
11-
ئاداۋەتكە يول قويماس،
ھېكمەتلەرگە ھېچ تويماس.
جان كەتسىمۇ مەيلى دەپ.
دۈشمىنىگە دوست سويماس.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
12-
كىرمەس كۆڭۈل كەينىگە،
قويۇپ بەرسىمۇ مەيلىگە.
بارماس ھېچبىر سەيلىگە ،
باقماس دۈشمەن پەيلىگە.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
13-
دۈشكەللىمەس يىتىمنى.
قىلماس ھارام سېتىمنى.
ئەھدىلەشسە كىم بىلەن.
بۇزماس ھېچبىر بىتىمنى.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
14-
ئىپپەت ئۈچۈن جان بېرەر
ئىسلام ئۈچۈن قان بېرەر.
ئۈممەت كۈلسە خۇش بولۇپ.
قايغۇسىغا ياش بېرەر.
ەەەەەەەەەەەەەەە
15-
شەرمى ھايا زىننىتى،
بىباھادۇر قىممىتى.
دىلدا ئىمان بولغاچقا.
كۆككە يەتكەن ھېممىتى
ەەەەەەەەەەەەەەەەەە
16-
ھايا ئىپپەت مىزانى .
ھەمراھ قىلغان ئىزانى
ئىسلام قىزى شۇڭلاشقا
ياقتۇرماس ھېچ نىزانى.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
17-
نۇزۇگۇمنىڭ ئىزىدۇر .
ئىپپەت نۇمۇس قىزىدۇر .
بۇزماق بولسا كىم ئۇنى .
مۇشتلاشچىنىڭ تىزىدۇر.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
18-
شۇنداق ئېسىل سۈپەتلىك.
ئالتۇندىن ھەم قىممەتلىك.
ئىسلامغا كۈچ قوشۇشقا.
ساباتلىق ھەم ھىممەتلىك.
ەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە
19-
شۇنداق ئىسىل سۈپەتكە
ئېگە بولغان كىمىدۇر.
جاۋابىم شۇ دىققەت قىل
بۇ ئىسلامنىڭ قىزىدۇر.
ەەەەەەەەەەەەەەەە
20- خاتىمە
ئۈمۈدۈم شۇ قىزلاردىن ،
ئىسلام قىزى بولسىكەن .
ئەخلاقىدىن قەلبىمىز ،
تەسەللىگە تولسىكەن.