563w
Karwan
(Hi No. 1364090)
سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆشتىن شۈبھىلىنىپ، خېلى ۋاقىتتىن بىرى گۆش يىمەي تۇخۇم يەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان تۇخۇمدىنمۇ شۈبھىلىنىپ، تۇخۇمنىمۇ يېمەستىن مېۋە-چىۋە يەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇبھىلىنىشتىكى سەۋەب: بۇ توخۇلارنىڭ يېمەكلىكى تەركىبىدە ئۆلۈك توخۇ، سۆڭەك، قان ... دىگەندەك ھارام نەرسىلەر بارلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ خىل تۇخۇمنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا!يەنە بىر سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر ۋەتىنىمىزدە بېلىق باقىدىغان كۆلچەككە بېلىقنىڭ يېمى ئۈچۈن چوشقىنىڭ ئىچ قارنىنى تاشلاپ، بېلىقنى تېز چوڭ قىلىدىغان ئىش بار ئىكەن. ۋە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا بېقىلغان بېلىقلار بىلەن ھەر قايسى چوڭ-كىچىك ئاشخانىلاردا قورۇما قورۇلىدىكەن. بۇ بېلىقلار ھارام بۇلامدۇ؟ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ پەتىۋا بېرىشلىرىنى سورايمەن.جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پوق يەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈتىنى ئىچىشتىن توسقان.[ مۇسنەدى ئەھمەد 1989-ھەدىس. سۈنەنى ئەبى داۋۇد 3786-ھەدىس. سۈنەنى تىرمىزىي 1825-ھەدىس. تىرمىزىي ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئالبانىي سەھىھ دەپ باھالىغان ]ئالىملار بۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكرۇھلۇقنى ياكى ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قاراپ، تۇخۇم بىلەن سۈتنى گۆش قاتارىغا كىرگۈزگەن.[ تۇھفەتۇل ئەھۋەزى 5/450 ]نىجىس يەم بىلەن بېقىلغان توخۇ، بېلىق ۋە باشقا ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنى، سۈتلىرىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس.بىر قىسىم ئالىملار بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى ياكى سۈتى ياكى تۇخۇمىدا مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە ياكى پۈتۈن يەملىرى نىجىس بولمىسا بۇلار ھالال دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى. ئەگەر پاك بىلەن نىجىس يەمنى ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىغان بولسا، گۆشىدە مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە، ياكى بىر مۇددەت سولاپ قويۇپ پاك يەم خەشەك بىلەن بېقىلىپ، مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى قالمىسا، يېيىشكە بولىدۇ.[ تەبيىين ئەلھەقائىق 6/10 ] مالىكىي مەزھەب قارىشىدا مەينەت يەم-خەشەك بىلەن بېقىلغان ھايۋان، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشى ھالال.[ ئەلقاۋانىين ئەلفىقھىييە 116-بەت ]شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى: يەم-خەشەكنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىگە قارايمىز دېسە يەنە بەزىلەر: گۆشى ياكى تەرىدە مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشىگە قارايمىز، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا بىنائەن بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشى، سۈتى، تەرى ۋە تۇخۇملىرى مەكرۇھ تەنزىيھىي بولىدۇ.[ ئەلمەجمۇئ 9/28 ]ھەنبەلىي مەزھەبتە يېمىنىڭ كۆپ قىسمى مەينەت بولسا، بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى، تۇخۇمى ۋە سۈتى ھارام بولىدۇ. ئۈچ كۈن سولاپ قويۇپ پاك يەم بىلەن باقسا ئاندىن پاكىز بولىدۇ.[ ئەلئىنساف 10/367 ]بۇ ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسنى چۈشىنىشىدىن كېلىپ چىققان كۆز قاراش ئوخشاشماسلىقى بولۇپ، بۇ يەردە بىر قانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر:1. مەينەت يەم-خەشەكلەرنىڭ گۆش، سۈت ۋە تۇخۇمغا قايسى بىر شەكىلدە بولمىسۇن چوقۇم تەسىرى بولىدۇ. نەتىجىدە تەن سالامەتكە تەسىرى بولماي قالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغان تەقدىردە مەلۇم كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھورمون بىلەن بېقىلغان توخۇلارنىڭ بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپ قاراشلار بولغان.2. پوق، تېزەكلەرنى يەيدىغان ئۆچكە، توخۇ قاتارلىق ھايۋانلار بەزىدە پاك نەرسىلەرنى يەپ، كۈن كۆرۈپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈپ ساغلاملىقى ياخشى ئىدى، ھازىر مەينەت يەمدە بېقىلىۋاتقان توخۇلار كۈن كۆرمەيدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، پاك نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئىزچىل ئاشۇنداق مەينەت ياكى ئارىلاشما يەم-خەشەك يەيدۇ.3. توخۇلارنىڭ يەم-خەشەكلىرىگە ھاك قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ تۇخۇمنىڭ ئاق چىقىشىغا پايدىسى بولىدۇ. دېمەك، يەم-خەشەكنىڭ تۇخۇمغا ئاشۇنداق تەسىرى بار.4. مىللىتىمىز ئومۇميۈزلۈك يېمەك-ئىچمەك بۇلغۇنىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر دەۋردە بۇ تۈرلۈك يېمەكلىكلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.5. بۇ تۈرلۈك تۇخۇم ۋە گۆشلەر ئەقەللى تەقدىردە مەكرۇھ ياكى شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ.يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دىننى، بەدەننى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن بۇنداق گۆش، تۇخۇم ۋە سۈتلەرنى ئىستىمال قىلىش مەكرۇھ ھەم زىيانلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جامائەتچىلىكى ھالال، پاك يېمەكلىكلەرنى ھازىرلاپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشى لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.