564w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا شۇكۇر ھەمدۇ - سانا ئېيتىش ئۈچۈن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ ، ناماز دەل تۆتمىڭ يىلدا پۈتۈپتۇ . نامازدىن كېيىن ئاللاھقا :《يا رەببىم ، مەن قانداقراق ئىبادەت قىلدىم ؟》دەپ سورايدۇ . مەرھەمەت سۇلتانى بولغان ئاللاھ سۇبھەنۇۋەتەئالا :《تاكى قىيامەت كۈنىگىچە ماڭا سەندەك ئىبادەت قىلالايدىغان ھېچبىرسى بولمايدۇ ، لېكىن ئاخىرقى زامان ئۈممىتى مۇھەممەدتىن كېلىدىغان بىر قۇلۇم ناماز ئوقۇيدۇ ، خاتاسى بىلەن ، قازاسى بىلەن ، ھەرخىل ئوي -خىياللار بىلەن قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنىمۇ بىلمەي ئۇقۇيدۇ ، ئۇنىڭ ئىخلاس ۋە خۇشۇھ بىلەن ئوقۇغان بىر قانچە مىنۇتلۇق ئىككى رەكئەت نامىزى ، سېنىڭ تۆتمىڭ يىل ئىخلاس بىلەن ئوقۇغان نامىزىڭدىنمۇ ئارتۇق مەقبۇل بولىدۇ .》دەپتۇ . جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام :《يا رەببىم ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نامىزى شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ ؟》دەپ سوراپتۇ .ئاللاھ سۇبھەنۇۋەتەئەلا دەپتۇكى :《چۈنكى ، ئۇلار دۈشمىنىنى يېڭىپ ھۇزۇرۇمغا كېلىدۇ ، سېنىڭ دۈشمىنىڭ يوق !ئۇلار دۇنيا سۆيگۈسىدىن يىراقلىشىدۇ ، نەفسىنىڭ شەررىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىدۇ ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئالدانماي 〈ئاللاھۇئەكبەر〉دەيدۇ .》دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .