564w
⇗ü㎡﹊ℳêㄒ°✧:☆
(Hi No. 2579576)
_____زىرىكتىم سەن خىتتايدىن_______ شائېر بولا مۇشتا بۇلا قاملىشىپتۇ قاپىيەلىرى ،،،،، ئىلى، چۆچەك، تۇرپاندىن، مەيلى قۇمۇل، قارمايدىن، كورلا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، ئۈرۈمچى ھەم ئالتايدىن. كۇچا، يەكەن، ئۇچتۇرپان، قەشقەر، خوتەن ھەم بايدىن، ھەممە جايدا، ھەر جايدا، بەك زىرىكتۇق خىتتايدىن. زۇلىمىدىن خىتتاينىڭ، سىغدۇرالماي ئەلەمنى، قايناپ-تېشىپ، ئەي جاھان! قولغا ئالدىم قەلەمنى. زەررىسىدىن زۇلۇمنىڭ خەۋەردار قىپ ئالەمنى، بايان قىلدىم، كىرىشتىم، زىرىكىپ بۇ خىتتايدىن. ئۆزۈڭ بىلمەي خېتىڭنى، ئىزا تارتماي سورايسەن، سورىۋېلىپ ھەر ئىشتا، ئالدىمىزنى تورايسەن. بىلىۋالساق ھىلەڭنى يەنە بىزنى گوللايسەن، ئالدامچى ھەم قىزىل كۆز، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. كۆپ بولسىمۇ قورۇماڭ، پولو ئەتسەك دورايسەن، مېھمان قىلساق پولودا، نەدە كۆرسەڭ توۋلايسەن. كۈندە بەرسەك،كۈندە يەپ، قانمايسەن يا تويمايسەن، بىتى قېلىن تويمۇغۇر، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. -قوش تىللىق بول-دەپ بىزگە، زورلاپ تاڭدىڭ تىلىڭنى، ئانا تىلنى يوقۇتىش ئىكەن بىلدۇق دىلىڭنى. مۇمكىن ئەمەس يوقۇتىش، تېپىۋالغىن يولۇڭنى، ئانا تىلنى چەكلىگەن، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. ئىتتىپاقلىق ئېيى دەپ، باھار ئاينى بىكىتتىڭ، خىتتاينىلا كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرۇمنى يىقىتتىڭ. -مەنلا ياشاي، توختا- دەپ، قانلىرىمنى ئېقىتتىڭ، بىلگەچ ئەمدى ئويۇڭنى، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. « قانۇنچىلىق دۆلىتى » دەپ ئاتىدىڭ ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭ تېرىپ چاتاقنى، قىسىۋالدىڭ كۆزۈڭنى. ئەمەل قىلماي قانۇنغا، ئىنكار قىلدىڭ سۆزىڭنى، ئادالەتتىن چەتنىگەن، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. بەك چىرايلىق، بەك مېزلىك، يازغان ھەر بىر شۇئارىڭ، شۇئار توۋلاش ئەسلىدىن سېنىڭ كونا خۇمارىڭ. شۇ يۇسۇندا ئەل ئالداش قەلبىڭدىكى تۇمارىڭ، قۇرۇق شۇئار، تەخسىكەش، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. خىزمەتچىڭمۇ، ساقچاڭمۇ...ئۈگەندى شۇ پارىغا، قىلچە ئىشنى بېجىرمەس، پۇل چۈشمىسە ئارىغا. «كېسىلى» دىن ساقايماس، ئېرىشمىسە «دارا» غا، قەلبى مەجرۇھ، ساقايماس، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. تىجارەتتە، خىزمەتتە...ھەممىنىلا ئالدايسەن، ئادىمىلىك ئەخلاقتا زادى ئالغا باسمايسەن. ئۆزۈڭنى دەپ، نەپنى دەپ، ھەممە ئىشتىن يانمايسەن ئادەمگە خاس خىسلەت يوق، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. كۆچمىنىڭنى ۋەتەنگە پىدائىي قىپ ئەۋەتتىڭ، بىز يەۋاتقان «نانلارنى» نى، بىر يالماپلا يەۋەتتىڭ. نومۇس قىلماي يەنە سەن «شىنجاڭ بىزنىڭ » دەۋەتتىڭ، نومۇسى يوق، ئارى يوق، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. بايراق تىكلەپ مەسچىتتە، ئالەمنى تاڭ قالدۇردۇڭ، ئاز كەلگەندەك، موللىنى، ئۆز يۇلىدىن قايدۇردۇڭ. قىزىل ناخشا ئېيىتقۇزۇپ، ئەل ئالدىدا چاندۇردۇڭ، فاشىستلارنىڭ ئۈلگىسى، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى، ئادا قىلساق خارلىدىڭ، قارشى تۇرۇپ ئىسلامغا، توختىمىدىڭ، ھارمىدىڭ. يا ئىشىڭدىن، خۇيىڭدىن...جەھەننەمگە بارمىدىڭ، ساڭا لەنەت،مىڭ لەنەت، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. سۆزلىسەك گەر ھەق ئۈچۈن، بىز بۆلگۈنچى، تېرۇرچى، دوپپا، ئەتلەس... كەيسەكمۇ، بولدۇق يەنە غۇرۇرچى... مەن ئۆزەم پاك دىيەلمەس، ھەتتا كىچىك بورىچى، قارا چاپلاپ ئۈگەنگەن، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. ئامراق بولساق نېمىگە، شۇنى دەرھال چەكلىدىڭ، چەكلىسەڭمۇ ھەممىنى، مۇرادىڭغا يەتمىدىڭ. بولدى تويدۇق دىسەكمۇ، كەتكۈزمىدىڭ، كەتمىدىڭ، ھۆرلۈك ئىزدەپ كېتەي دەپ، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. نېمە قىلساق زادىلا، بىزنىڭ تەتۈر، سېنىڭ ئوڭ، نېمە تەرسەك زادىلا،سېنىڭ پىششىق، بىزنىڭ توڭ. شەرەپ قۇچساق بىز بىللە، بىزنىڭ كىچىك، سېنىڭ چوڭ، ئۆزەم دەپلا ياشىغان، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. بايلىق تولا ۋەتەندە، پەقەت بىزلا باي ئەمەس، ياشايدىغان خىتتايلا، قۇياش ئەمەس، ئاي ئەمەس. مېنىۋالساڭ، ئۇيغۇرۇم، چاپىدىغان تاي ئەمەس، ئەمدى تاپقىن ھوشۇڭنى، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. ئالدانمايلى ئەي دوستلار، ئۇلار بەرگەن شۇ پۇلغا، كېتىۋەرسەك بۇ يولدا، ئايلىنىمىز بىر قۇلغا. خۇدا ھەققى، ئۇيغۇرۇم، كىرمەيلى بىز بۇ يولغا، تىلى يۇمشاق، دىلى كىر، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. بىلىپ قويغىن ئۇيغۇرۇم، ۋەتىنىڭنى،ئەسلىڭنى، يوقۇتۇپ دىن، تىلىڭنى، قورۇتماقچى نەسلىڭنى. ئۇيۇشساڭلا تاپىسەن، ئاشۇ گۈزەل پەسلىڭنى، ئەۋلات ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. قورقساڭ بوزەك قىلىدۇ، بۇ،خىتتاينىڭ ئادىتى، باش ئەگمىسەك كېلىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ سائادىتى. تىز پۈكمەيلى ھەرسەپتە، كەلدى ئىشنىڭ سائىتى، سائادەتكە ئىنتىلىپ، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. سۆزلەپ باقتىم كۆپ قېتىم، يا تىلىمىز ئوخشىماس، ئويلاپ باقتىم بەك ئۇزاق، يا دىلىمىز ئوخشىماس، ھېچ نەرسىمىز ئوخشىماس، شوڭا كۈرەش توختىماس، مەجبۇر قىلدىڭ كۈرەشكە، زىرىكتىم سەن خىتتايدىن. نېمە قىلساڭ قىل خىتتاي، ساڭا ئەمدى باقمايمەن، مەيلى قورقۇت يا ئالدا،سۇلىرىڭدا ئاقمايمەن. ..