565w
قىساسكار
(Hi No. 2286736)
نىمە ئۈچۈن مەيۈسلىنىسەن ؟ نىمە ئۈچۈن مەيۈسلىنىسەن ؟ خۇددى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىككى يۈز يىل تەۋبە قىلغاندەك ؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئوتقا تاشلاندەك؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ھارە بىلەن تىلىنغاندەك؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام ئوخشاش قۇدۇققا تاشلانغاندەك؟ زادى نىمە ئۈچۈن مەيۈسلىنىسەن ؟ ساڭىمۇ ھەزىرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تائىپتا تاش ئېتىلغاندەك تاشلار ئېتىلدىمۇ؟ ياكى ناماز قىلىۋاتقىنىڭدا ئۈستۈڭگە ئىشكامبا تاشلاندىمۇ؟ ۋەياكى چىشىڭ قىرىلدىمۇ؟ ۋەياكى يۈزۈڭگە تۈكۈرۈلۈپ يۇرتۇڭدىن سۈرگۈن قىلنىپ دوس بۇرادەرلىرىڭدىن ئايرىلدىڭمۇ؟ زادى نىمىگە مەيۈسلىنىسەن؟ ياكى ھەزرىتى ھەمزە رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭ كىسىلدىمۇ ؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ مۇسئەب ئىبنى ئۈمەر رەزىياللاھۇغا ئوخشاش قۇللىرىڭ كىسىلدىمۇ يا؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ ياكى جەئپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ يارىلانغاندەك ئوق، نەيزە ۋە قىلىچلار بىلەن يارىلاندىڭمۇ ؟ ئەي دوستۇم زادى نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ ئەممار، سۈمەييە ۋە ياسىرلاردەك زۇلۇم چەكتىڭمۇ ؟ ياكى بىلال رەزىيەللاھۇغا ئوخشاش قىززىق قۇمغا ياتقۇزۇلۇپ ئۈستۈڭگە تاش قۇيۇلدىمۇ؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش دېڭىزغا تاشلاندىڭمۇ؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن؟ ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەدەنلىىرىڭنى جاراھەت قاپلاپ كەتتىمۇ؟ نىمىگە مەيۈسلىنىسەن ؟ ... ئىي دوستۇم ! ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ؟ نامازنى قازا قىلغان، تەھەججۇد ئۇقۇيالماي ئۇخلاپ قالغان، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنىڭ نەپلە روزىسىنى تۇتالماي قالغان كۈنلىرىڭگە بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ ، بۈگۈن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر ئىش قىلالمىغانلىقىڭغا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رازى بولىدىغان بىر ئىش قىلالماي قالغانلىقىڭغا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم چىكىۋاتقان، تۇرمىلاردا يېتىۋاتقان، زالىملار تەرىپىدىن شەھىد قىلىنىۋاتقان موسۇلمان قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ ، بىر پېقىرغا ياردەم قىلالمىغانلىقىڭ ۋە بىر يىتىمنىڭ بېشىنى سىلىيالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ ، ئاپىرىقا دۆلەتلىرىدە ۋە باشقا يەرلەردە بىر چىشلەم نان تاپالمايۋاتقان، ھەرخىل كىسەللەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭغا بىئارام بول. ئەگەر، بىئارام بولىدىغان بولساڭ قۇرئاننى ئوقۇپ، چۈشۈنۈپ ھاياتىڭغا تەتبىقلىيالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مېلىڭدىن، ئائىلەڭدىن، جېنىڭدىن ۋە ھەممە نەرسەڭدىن بەكراق ياخشى كۈرەلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ، ئاللاھقا ھەقىقى قۇللۇق ۋەزىپەڭنى ئادا قىلالمىغانلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئۈممەت بۇلالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن بىئارام بول. ئەگەر بىئارام بولماقچى بولساڭ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىل ۋە بىئارام بول. بەلكى سىنىڭ ناھايىتى كۆپ دەردىڭ بولىشى مۇمكىن. دەردىڭنىڭ كۆپلىكىدىن ھۇشۇڭنى يۇقىتىپ يېغلاپ كەتكەن بولىشىڭمۇ مۇمكىن. لېكىن سەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سال. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھىساپسىز بىرىلىدۇ) سۈرە زۈمەر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بەلكى شۇنچە ئىنساننىڭ ئارىسىدىن سىنىڭ تاللىنىپ قالغانلىقىڭنى سورىشىڭ مۇمكىن. لېكىن ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغانلار قىممەتلىك كىشىلەردۇر. ئاللاھ تالا مۇنداق دەيدۇ: بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر [سۈرە مۇھەممەد 31- ئايەت]. ھايات دېمەك، ئىمتىھان دىمەكتۇر.ھەر بىر سۇئال سىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىڭددىن يەر ئالغان بىر تال قىش ھىساپلىنىدۇ. نەپەس ئېلىپ تىنغان ھەر بىر ۋاقىت يىڭى بىر سۇئالغا ھامىلە قىلىش دىمەكتۇر. ئەگەر بۇلار بولمىسا ئىدى. ئاخىرەتتە سىنىڭ ھېچنىمەڭ بولمىغان بۇلاتتى. دېمەك، ئەگەر سىنىڭ دەردىڭ بولمىسا ئاندىن مەيۈسلىنىشىڭ كېرەك. چۈنكى سېنىڭ دەردىڭ قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھنىڭ سېنى شۇنچە كۆپ ياخشى كۈرىدىغانلىقىغا دەلالەتتۇر. سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى خاپىلىققا دۇچار قىلىدۇ. بۇخارى رىۋايىتى. ساڭا ھەرقانچە مۇسىبەت يەتكەن بولسىمۇ ئاسھابۇل ئۇھدۇدنىڭ قىراللىرى ئۇلارنى ئوتقا تاشلىغاندەك ئېغىر مۇسىبەت كەلمىگەندۇ؟ تاغىسى بورىغا يۆگەپ ئوتقا تاشلىغان ئەبۇزەر رەزىياللاھۇدەك جاپا چەكمىگىەنسەن. يۇسۇپىدىن ئايرىلغان ياقۇپ ئەلەيھىسسالامدەك ئازاپ چەكمىگەنسەن. ئەزىز دوستۇم ئاللاھ ھېچبىر بەندىسىگە كۈتۈرەلمىگۈدەك مۇسىبەت بەرمەيدۇ. دېگەننى ئۇنۇتماسلىق ۋە ھەردائىم لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ. يەنى «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دىيىشتۇر. [#eiphoneemoji1:70ne#]