564w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
ئىمان شۇ قەدەر لەززەتلىككى ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن ھەر سىكۇنت خوش بولىسىز ھەم پەخىرلىنىسىز ، بۇ لەززەت تۈگىمەس ھەم ھېچ ئوخشىشى يوق ،بۇنى تېتىغۇچى دەيدۇكى : ئى پەرۋەردىگار ! بۈگۈن مەن سەجدىگە بېشىمنى قويالىغانلىقىمدىن بۇ ھايات مەن ئۈچۈن نەقەدەر گۈزەلدۇر ؛ مەن ساڭا قۇل بولدۇم ، مېنى“بەندەم ”دەپسەن ،مەن ھازىر ئۆزۈمگە سۇلتانمەن ،ئەگەر دىلىم سېنى ياد ئېتىشتىن يىراق كەتسە ،بۇ دىل مەن ئۈچۈن ۋەيراندۇر ؛ ئەگەر سېنى ئەسلىيەلىسەم بۇ چۆللەر ئىچىمدە، بۇ چۆللەر مەن ئۈچۈن بوستاندىن ئارتۇقتۇر ؛ ئەگەر سەن يېنىمدا بولساڭ، بۇ قۇملۇق ،چۆللەر ،فىتنىلەر ،زامانلار مەن ئۈچۈن گۈلىستاندۇر ؛ ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرمىگەن بولساڭ ،بۇ سىناقلارغا مۇپتىلا قىلماستىڭ ؛ سېنىڭ جامالىڭنى كۆرۈشنى ئىستەيمەن، قىيامەتتە رۇخسارىڭغا مۇيەسسەر بولسام ، ۋۇجۇدۇم مەسخۇش بولۇپ قېتىپ قالار ئىدى ، چۈنكى ئۇ كۈنى سەن جامالىڭنى ئاچىسەن 。