564w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
سىز ياخشى بىر ئايالمۇ ؟ سەلەپ ئالىملىرى ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ۋە خۇلقى ھەققىدە توختىلىپ تۆۋەندىكى ئالتە خىل خىسلەتكە ئىگە ئاياللارنىڭ شەرىئىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياخشى ئاياللاردىن بولالايدىغانلىقىنى يازغان. ئۇنداق بولسا ئىسلام دىنى بىلەن شەرەپلەنگەن ئى بەختلىك مۇسلىمە قېرىندىشىم سىزدە شۇ خىسلەتلەر بارمۇ؟ قېنى ئۆزىڭىزنى بىر سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. 1 . بەش ۋاخلىق نامىزىنى ھېچقانداق رىيا ئارىلاشتۇرماستىن ، تەئىدىل ئەركانى بىلەن ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان ئايال. 2. ئېرىنى ياخشى كۆرگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىتائەت قىلىدىغان ئايال. 3. قىلغان ھەر ئەمىلىدە ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان ئايال. 4. باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، سۆزلەش، گەپ توشۇشتىن تىلىنى يىغالىغان ئايال. 5. دۇنيا مېلىغا قارشى زاھىت بولالىغان، قانائەتچەن ئايال. 6. مۇسىبەت ۋە ئەزىيەتلەرگە قارشى سەۋىرلىك بولالىغان ، ئۇزىنى تەمكىن تۇتالايدىغان ئايال.