564w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
ئەركىشى ياخشى ئايالغا ئېرىشسە جەننەتكە يەتكەندەك بولىدۇ. دىيانەتلىك ئايال ئاللاھنىڭ ئەركىشىگە بەرگەن كاتتا نىئمىتى. ئى ئەركەك, بىلگىنكى, ئايالىڭ سىنىڭ ئاقىۋىتىڭگە سەۋەپكاردۇر, ئۇئايال سەۋەپلىك ياكى جەننەت ئەھلى بولىسەن ياكى دەۋزەخ ئەھلى بولىسەن. ئاللاھتىن ئالدى بىلەن ئىمان تىلە, ئۇنىڭدىن قالسا دىيانەتلىك ئايال تىلە. دىيانەتلىك ئايالىڭ بولسا بەركەتلىك بولىسەن, پۇل-مېلىڭمۇ بولىدۇ. يەنە سالىھ پەرزەنتكىمۇ شۇ ئايال سەۋەپلىك ئىرىشەلەيسەن. دىيانەتلىك ئايال سەبىرلىك كىلۇر, غەم-ئەندىشىدىن خالى ياشايسەن. ئۇ سىنى دۇنيا ھاياتىدىكى بارلىق مەئىشەتلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ, پادىشاھلىقنىڭ تەمىنى تېتىيسەن. ئۇ سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ, يىغلىساڭ دەردىڭ ئۈچۈن چارە ئىزدەيدۇ,بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىيسەن. ئاللاھنىڭ رەسۇلى شۇنداق دىگەن: تاللىساڭ ئالدى بىلەن دىيانەتلىكنى تاللا. بىلگىنكى, دىيانەت دىگەن ئىمانى, ئىتقادى دىمەكلىكتۇر.