565w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
بىر كۈنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن سۇراپتۇ: — ئى ئەلى ئاللاھنى ياخشى كۈرەمسىز؟ — ئەلۋەتتە ياخشى كۈرىمەن دەپتۇ . — ئۇنداقتا مىنىچۇ دەپتۇ . — ياخشى كۈرىمەن دەپتۇ. — ئۇنداقتا پاتىمەنىچۇ دەپتۇ . —ياخشى كۈرىمەن. —ئۇنداقتا باللىرڭىزنىچۇ ؟ —ياخشى كۈرىمەن دەپتۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللا: —يا ئەلى بىر يۈرەككە قانداقمۇ تۈت سۈيگۈ سىغسۇن؟ دەپتۇ. بۇ سۇئالغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاۋاپ بىرەلمەپتۇ . ھالى پەرىشان ھالدا ئۈيگە قايتىپتۇ. بۇنى كۈرگەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: — ئى جۈپتى ھالالىم سىزگە نىمە بولدى ھالىڭىز پەرشانغۇ؟ دەپتۇ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولغان ئەھۋالنىدەپ ھەم جاۋاپ بىرەلمىگەنلىكنى ئېيتىپتۇ . پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: —بىر ئادەمنىڭ ئالدى كەينى ئوڭ سول بولغىنغا ئوخشاش مىنىڭ يۈركىمنىڭمۇ تۈت تەرىپى بار. ئاللاھنى ئەقلىم ۋە ئىمانىم بىلەن، سىلنى روھىم ۋە ئىمانىم بىلەن ، پاتىمەنى ئىنسانلىق نەپسىم بىلەن، بالىلىرىمنى ئاتىلىق مىھرىم بىلەن ياخشى كۈرىمەن، دەپ جاۋاپ بىرىڭ دەپتۇ . " ئايال ساھابىلەرنىڭ تارىخى " ماشاالله ، نىمە دىگەن قايىل قىلارلىق ئەقىل پاراسەت ھە ! ئاللاھ فاتىمە ئانىمىزغا رەھمەت قىلسۇن ، ئامىين !