564w
Ehmad
(Hi No. 1360280)
ئويغان (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)
ئەي پېقىر،ئۇيغۇر،ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندەمال ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ! سېنىڭ ھالىڭ خەتەر،ھالىڭ خەتەر.
قوپ دېدىم بېشىڭ كۆتەرئۇيقۇڭنى ئاچ،
رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ.
كۆز ئېچىپ ئەراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندابىركۈن،يوق ئىلاج.
ھېلىمۇ جانسىزغائوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭايوقمۇئانچەئۆلۈمدىن غېمىڭ.
چاقىرسام قىمىرلىمايلاياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇپېتىڭ.
ئېچىناركۆڭلۈم ساڭائەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم،قېرىندىشىم،بىرتۇققۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغائويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى نىمە بولغىنىڭ.
كېلىدۇبىركۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇچاغ يېتىسەن.
«خەپ»دېسەڭ شۇچاغ ئۈلگۈرمەي قالۇر.
شۇندائۇيغۇرسۆزىگەتەن بېرىسەن.