557w
Ehmad
(Hi No. 1360280)
ۋادەرىخا ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،. شۈ تۇپەيلى باغىرىمىز قانلىق يارا. قامچا كالتەك ئاستىدا قالدۇق يەنە، قوش بىلەن سۆرەمگە مەھكۇم ئۇي كالا. قەھىرىمىزدىن ئوت چېچىلدى قانچە رەت، قېپقىزىل يانغۇنغا چۆمدى تاغ دالا. كۆيمىدى يانغۇندا سىرتماق نە ئۈچۈن؟ نە ئۈچۈن بىز بۇ بالاغا مۇپتىلا. ئەمدى بىلسەك ئوقنى تەكگۇزدۇق چالا، ھەممىدىن بەتتەر ئىكەن سۇلھى سالا. ۋادەرىخا ئوقنى تەكگۈزدۇق چالا، ھەممىدىن يامان ئىكەن سۇلھى سالا. ___مەمتىلى زۇنۇن تەشنائى .