Avatar
584w
Ehmad (Hi No. 1360280)
‏‏كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس
‏ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
‏مەنزىل مەقسەت ئۇزاق،تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
‏تاش قۇراملىقتا مېڭىپ،ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.
‏ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
‏ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.
‏گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
‏تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.
‏بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
‏كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.
‏ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
‏زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.
‏جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
‏ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.
‏ ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
‏ ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.
‏ كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
‏ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب. 1930 ـ يىلى
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms