565w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
قايسى قەۋىم قايسى مىللەت ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن،ئاللاھ ئۇلارنى تاشلىۋىتىدۇ.ئاللاھ تاشلىۋەتكەن ئىنساننىڭ يېنىغا ،ئاللاھ تاشلىۋەتكەن ئائىلىنىڭ يېنىغا،ئاللاھ تاشلىۋەتكەن قەۋىمنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىدۇ ،ئىسراپخورلار كىلىدۇ،تاجاۋۇزچىلار كىلىدۇ ،قۇل قىلىدۇ،فىتنە-فاسات تارايدۇ،زىنايى زالالەت ئەۋجىگە چىقىدۇ،قىمار،ھاراق،گۇپۇ گوپپاڭلار،ئىتتىپاقسىزلىقلار مىللەتنىڭ ئىچىگە تاراپ كىتىدۇ،ئۇ مىللەتنى زەنجىرلەيدۇ،ئۇ مىللەت ئۇ شەيتاننىڭ قالقىنى ئىچىدە،شەيتاننىڭ مۇئاسىرسىدىن چىقالماي،ئاقىبەتتە جەھەننەمگە گىرىپتار بۇلىدۇ دۇنيالىقتا ۋە ياكى ئاخىرەتتە. ئاللاھ نى ئۇنۇتقان،ئۈزىنىڭ كىبىرلىكلىرى بىلەن،ھەسەتخورلۇقلىرى بىلەن،فىتنىلىرى بىلەن جەمىيەتنى ۋەيران قىلىۋاتقان،ئاتا-ئانىلىرنى،بالا چاقىلىرنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئۇ ئىنسانلارنى ئاللاھ نىمىنى خالىسا شۇنى قىلدۇكى،ئاللاھ خالىسا ھەرخىل جازالارنى دۇنيادا بىرىدۇ، بۇ دۇنيادا بەمىسە جەھەننەمدە بۇ مىللەتكە جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرنى داغدام ئېچىۋىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان مىللەت جازانىڭ ئىچىدە ئوينايدۇ،يەنى خالىسا ئۇ مىللەت ئۈزىنىڭ جازالىنۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ ،خالىمىسا بىلەمەيدۇ. ئاللەھ تەئالا خالىسا بىر مىللەتكە ئۈزىنىڭ جازاسىنى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ،خالىمىسا جازا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرمايدۇ، ئۈزىنىڭ جازالىنۋاتقانلىقىنى بىلمەستىن شۇنداق ئۈتۈپ كىتىدۇ. قاچانكى بۇ مىللەت كۈزىنى ئاچسا،تەپەككۇرنى ئىشقا سالسا ،ئىلىمنى قۇلىغا ئالسا،كىتاپنى قۇلىغا ئالسا،ئەخلاقنى قۇلىغا ئالسا،ئەركەكلەردە ۋىجدان ،ئىمان پەيدا بولسا،ئاياللىردا ئىپپەت ھايا پەيدا بولسا،ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئەلا ئۇ مىللەتكە نۇسرەتنى بىرىدۇ. ئاللاھ بىر مىللەتنڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ ،ئۇ مىللەت ئۈزىگە ئۈزى زۇلۇم قىلىپ ئۈزىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە.