557w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
بىر ئادەم ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ ئېيتتى: سەندىن تۆت مەسىلە سورايمەن، جاۋاب بەرگەيسەن. ۋاجىب بولغان نەرسە نېمە؟ تېخىمۇ ۋاجىبراق بولغان نەرسە نېمە؟ نېمە يېقىن؟ نېمە تېخىمۇ يېقىن؟ نېمە ئاجايىپ؟ نېمە تېخىمۇ ئاجايىپ؟ نېمە قىيىن؟ نېمە تېخىمۇ قىيىن؟ ئەمىرۇلمۇئمىنىن ئېيتتى: ۋاجىب: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش. تېخىمۇ ۋاجىبراق بولغىنى: گۇناھلاردىن ساقلىنىش. يېقىن بولغىنى : قىيامەت. ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغىنى: ئۆلۈم. ئاجايىپ بولغىنى: دۇنيا. ئۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ بولغىنى: دۇنيا مۇھەببىتى. قىيىن بولغىنى: قەبرە. ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن بولغىنى: ئۇنىڭغا تەييارلىقسىز بېرىش. ئەي قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ، بۇ دىن بىزگە ئامانەت بىزلەرنى دىندا سابىت قىلغىن ، دىللىرمىزنى ئىسلامغا مايىل قىلغىن. ئامىن