565w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر قولىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۈچۈن بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى دىنى قېرىنداش بىر يەرگە كەلگەندە بۇ ئىككىسى بىرى يەنە بىرىنى يۇيىدىغان قولغا ئوخشايدۇ، قاچانكى ئىككى مۇمىن بىر يەرگە جەم بولسا ئاللاھ بىرىنى يەنە بىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ» دېگەن.
بۇ ھەدىس كۆرۈنۈشتە ئۇنچىۋالا دېققەت تارتىپ كەتمىگەندەك بىلىنىشى مۆمكىن. بىراق ھەدىس ھەققىدە ئىمانى بىر ئىخلاس بىلەن پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە بىزنىڭ قانچىلىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ بۇ ھەدىستە دېيىلگەن مەنپەئەتتىن قۇرۇق قالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ بىر- بىرىگە ھەر زامان گۇمان بىلەن قاراش، ئۆزىدىن باشقىسىغا ئىشەنمەسلىك، شۈبھى ۋە يامان گۇماندا بولۇش، تەدبىرلىك بولۇشى لازىم، دەپ قارشى تەرەپنى ھەر زامان شۈبھىلىك ئورۇنغا قويۇش، ئىسلامنى سۈيئىستىمال قىلىدىغانلار قاتارىدىن بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ئەندىشىدە بولغانلىق سەۋەبىدىن قارشى تەرەپتىن ئۆزىنى ئەپقېچىش.
ئەسلىدە بىز ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان قېرىنداش شۇنچىلىك مۇھىمكى، خۇددى بىر قولىمىزنى يۇيۇشتا، قول ئارقىلىق يۇقىدىغان مىكراپ ۋە مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە بىر قول قانچىلىك مۇھىم بولسا ھاياتىمىزدىكى گۇناھ ۋە يامانلىقلاردىن، نادانلىق ۋە جاھىلىقلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا پاكلىقىمىز بىلەن يېقىنلىشىشىمىز ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىنداش شۇنچىلىك مۇھىمكى. يەنە بىز ئۆز ئالدىمىزغا ياشىساق، قانچىلىك تىرىشساق تىرىشايلىكى پەقەتلا بىر قولى يوق، مېيىپ ئىنسانغا ئوخشايمىز. ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى تامامەن راۋا قىلىش ئۈچۈن ئىنسان ئىككى قولىغا قانچىلىك ئىھتىياجلىق بولسا بىزنىڭ مۇسۇلمان بىر قېرىندىشىمىز، ياكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئىمانى بىر ھايات ياشىشىمىز ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ۋە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزايىمىزنىڭ ئورنىدادۇر.
شۇڭا بىز بۇ ھەدىسنىڭ روھى بويىچە قېرىنداشلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ھەر بىر مۇسۇلمان قېرىندېشىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەيىپلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن يېپىشىمىز، ئاللاھ ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىمىز. پەقەتلا ماددى ياكى پىكرى ياردەمدە بولۇش بىلەنلا قالماي، خاتا كەتكەن ، گۇناھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللىرىنى تەنقىت، ئاگاھلاندۇرۇش، تەنبىھ بېرىشتەك ئىنسان نەپسىگە ئېغىر كېلىدىغان يوللار بىلەن ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، ھېكمەتلىك يول ۋە ئۇسلۇپلار بىلەن تۈزۈتۈشكە سەۋەپكار بولۇشىمىز لازىم، ئۇنىڭ شەيتان ۋە ئادىمى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن تەدرىجى ھالدا " مىكروپلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى يەنە بىر قولنىڭ ئورنىدا ئىمان ئەقىدە بىلەن يۇيۇپ تازىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەتەرلەرگە قارىتا سەزگۈر بولىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يەنە بىر قولىنى قانداق يات كۆرمەي، ئۇنى ئاسرايدىغان بولساق ئۇ قېرىندېشىمىزنىمۇ شۇنداق ھېمايە قىلىپ ئاسرىشىمىز لازىمدۇر.
مۇسۇلماننىڭ تەبىئىتى ساۋاپلىق ئىش قىلىشقا،ياخشىلىققا مايىل كېلىدۇ. بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇچرايدىغان ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا يات بولغان بىر خۇي ياخشىلىقتىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ قېلىش، يەنى قىلسام بىلمىدى، خاتا چۈشەندى، ئاتىكاچىلىق قىلغانلىق بولۇپ قالمىسۇن، كۆزىگە كىرىۋالماي قوياي، مەجبۇر بولۇپ قالمىسۇن.... دېگەندەك تۇترۇقسىز باھانىلار بىلەن يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتۇر. بىراق ئۇنتۇپ قالمايلىكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر مۇسۇلمان قېرىنداشنى قولىمىزنىڭ يەنە بىرىگە ئوخشاتقان ئىكەن، بىر ئادەم قولىنىڭ بىرىنى تاكى دوختۇرلار تەرىپىدىن "بۇ قولنى كېسىش كېرەك، بولمىسا پۈتۈن ۋۇجۇتقا زىيان بولىدۇ" دەپ قەتئى ھۆكۈم چىقارمىغىچە ھەرقانچە كۆرۈمسىز، ھەرقانچە ئاغرىق، ياكى كېرەكسىز بولغان بىلەنمۇ كېسىپ تاشلىمىغىنىدەك تاشلىماسلىقىمىز لازىمدۇر. مەيلى ئۇ قېرىنداشلاردا ئوخشاش چۈشەنچە، ئوخشاش پىكىر، ئوخشاش خۇي- مىجەزلەر بولمىغىنىدىمۇ. چۈنكى ئىككى قولنى بىر- بىرىگە باغلىغان ئىنساننىڭ گەۋدىسى بىر بولغىنىدەك، ئىككى مۇسۇلماننى بىر – بىرىگە باغلىغان نەرسە بىزنى ياراتقان رەببىمىزنىڭ دىنى ئىسلامدۇر.