566w
چۆل ☪ ئوغلى
(Hi No. 1375929)
ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ يولدا ماڭغاندا يولىدىكى تاشلارنىڭ يولدا يۈرىگەن باشقا كىشىلەرنىڭ پۇتلىرىنى ئاغرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ تاشلارنى پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن يول ياقىسىغا چىقىرىپ تاشلايتتى.بىر كۈنى يەنە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ كۆزىگە چۈشكەن بىر تاشنى پۇتى بىلەن يولنىڭ سىرتىغا قارىتىپ تېپىۋىدى، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ساھابىنىڭ پۇتىغا كېلىپ تەگدى. ئۆمەر بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولدى ئەمما بىر نەرسە دېمەستىن كېتىپ قالدى.ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ يەنە شۇ يولدىن كېتىۋاتقاندا ئۇچراتقان تاشلارنى پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن يان تەرەپكە تېپىۋىتىپ ماڭماقتا ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئۆتكەن يىلى پۇتىغا تاش تېگىپ كەتكەن ساھابە ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. خەلىپە ئۈمەر يانچۇقىدىن ئىچىدە خېلى كۆپ پۇل بار تۈگۈنچەكنى چىقىرىپ ئۇ ئادەمگە: قېنى بۇنى ئالغىن، خىراجەت قىلارسەن،دېدى. ساھابە ھاياجانلىنىپ: رەھمەت ، خىراجەت قىلىدىغان پۇلۇم بار ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى،دېدى.
بىلىمەن، سېنىڭ خىراجەت قىلىدىغان پۇلۇڭ بار. شۇنداق بولسىمۇ مەن سېنىڭ بۇ پۇلنى ئېلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن.
ساھابە ئىھتىايجىم يوق.
سەن ھەجگە بارىمەن، داۋاتمامتىڭ.
شۇنداق بارىمەن.
ئۇنداقتا بۇنى يول خىراجىتى قىلغىن.
يول خىراجىتىمۇ بار.
بىلىمەن،يول خىراجىتىڭ بار. بىراق مەن بۇنى سېنىڭ مەندىن رازى بولۇپ كېتىشىڭ ئۈچۈن بېرىۋاتىمەن. ئۆتكەن يىلى يولدا پۇتۇڭغا تاش تەككۈزىۋەتكەن ئىدىم. مېنى بۇنىڭ بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشىڭ ۋە گۇناھىمدىن ئۆتۈشىڭ ئۈچۈن بۇ پۇلنى ساڭا بەرمەكچىمەن. ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنى ئالغىن ۋە مېنى كەچۈرۋەتسەڭ مېنى ھۇزۇرلاندۇرغان بولىسەن.
يۇقارقىسى بولسا ئەينى زاماندىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ بىر ئۆلگىسى. ئەمدى بىز شۇ زاماندىكى پۇقرالارغا بىر نەزەر سالايلى.
ئەبۇ زەر رەزىياللاھۇ دائىم باشقىلارغا بىر مۇسۇلماننىڭ قوشنىسى ئاچ ياتسا ئۆزىنىڭ توق ياتالمايدىغانلىقىنى، قولىدا بارلارنىڭ يوقلارغا ، قەرزدارلارغا ، مۇھتاجلارغا ياردەم قىلمىغىنىدا جەھەنەمدە قاتتىق ئازاپقا قالىدىغانلىقى بىلەن ۋەز نەسىھەت قىلاتى.
ئۇنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئۆزىنىڭ ئەمەل قىلىپ قىلمايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن بىر كۈنى بىر كىشى قۇلىدىن بىر قاپچۇق پۇل ئەۋەتتىپ،بۇنى ھەدىيە ئورنىدا قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەبۇ زەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىدىنمۇ بەكرەك پېقىر كىشىلەرگە بېرىشىنى دەپ پۇلنى قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرىۋالدى. پۇلنى ئېلىپ كەلگەن قۇل: ناۋادا سەن بۇ پۇلنى قوبۇل قىلساڭ مېنىڭ خوجايىنىم مېنى ئازات قىلماقچى، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ زەر پۇلنى ئېلىپ قالدى.
شۇ كۈنى ئاخشام ۋاقىتلىرىدا ئەبۇ زەرنىڭ يېنىغا ئۇ قۇل قايتىپ كېلىپ: ساڭا ھەدىيە قىلغان ئۇ پۇلنى ئەسلى باشقا بىرىگە بېرىشىم كېرەك ئىكەندۇق. خاتا بېرىپ قاپتىمەن، پۇلنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسەڭ، دېدى. ئەبۇ زەر بۇنىڭغا جاۋابەن: مەن قوشنىلىرىم قەرز ئىچىدە قىينىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆيۈمدە پۇل يىغىپ، ھۇزۇر سۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن سەن ئېلىپ كەلگەن پۇللارنى شۇ ھامان پېقىر ۋە مۇھتاج كىشىلەرگە تارقىتىپ بەردىم، دېدى. ئەمدى ساڭا بېرىدىغان پۇلۇم يوق ، دېدى. مانا بۇ ئاشۇ كۈندىكى ئەسىر سائەدەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىر ئۆرنىكى .
ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھىجرەتنىڭ يەتمىشىنچى يىللىرىغا بىر نەزەر سالايلى. تارىختا زۇلۇمى بىلەن نام چىقارغان زالىم ھەججاج بىرمۇنچە ساھابىنىڭ بوينىغا قېلىچ ئۇرغان ، مەنچاناق بىلەن كەبىگە تاش ئېتىپ كەبىنى زىدىلىگەن، ھاياتتا قالغان ئاز ساندىكى ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى زەھەرلىگەن بىرى ئىدى. بۇ ئادەمگە بىرى مۇنداق دەيدۇ : سەن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادالىتىنى، جەلققە قارشى قانچىلىك دەرىجىدە يۇمشاق قول بولغانلىقىنى بىلىسەن، ھېچ بولمىغاندا سەن ئازراق بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشا، ئۇ باشقىلارنىڭ بوينىغا قېلىچ ئۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ھەتتا سەۋەنلىكتىن بىرىنىڭ پۇتىغا تەككۈزۈپ سالغان تاش ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغان، بىر يىل كېيىن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن رازىلىقىنى ئالغان بىرى ئدى.
بۇنىڭغا قارىتا ھەججاجنىڭ بەرگەن جاۋابى تارىخلاردا قالغىدەك مەنىدار ئىدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ: توغرا دەيسەن، پەقەت ئۆمەرنىڭ رەئىسلىكى زامانىدا ئەبۇ زەردەك پۇقرالىرى بار ئىدى. سىلەر ئەبۇ زەردەك ھەقپەرەست ، ھەم دىنى قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىدە ئويلىنالايدىغان بىر خەلق بولۇڭلار، مەنمۇ ئاندىن ئۆمەردەك ئادىل، خەلقنى ئويلىيالايدىغان بىر قوماندان بولاي، سىلەر ئەبۇ زەر بولمىغىچە ، مېنى ئۆمەردەك بولسىكەن، دېمەڭلار. چۈنكى سىلەرگە پەقەت مەندەك ئىنسان لايىقتۇر.