565w
Sabitkadam
(Hi No. 2150427)
مۇسا مىسالى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەگەر فرئەۋننىڭ زۇلۇمى ئانىنىڭ بالا ياتقۇسىغىچە يېتىپ باردى، قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش قالمىدى دېسىڭىز؛ ئەگەر يەر تۆمۈر، ئاسمان تۇچقا ئايلانغان بولسا؛ ئەگەر مېنىڭ كۈچۈم تۈگىدى يا رەببى دېگەن بولسىڭىز ۋە ھەقىقەتەن ھېچقانداق چارىنىڭ قالمىدى دەپ قارىسىڭىز ھەمدە ھېچقانداق ئۈمىت نۇرى قالمىدى دەپ قارىسىڭىز؛ ھېچبىر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقماسلىقى كېرەك بولغان ھەقىقەت شۇ، ھەر قانداق فىرئەۋن مۇساسىز بولمايدۇ، ھەر فىرئەۋننىڭ بىر مۇساسى بولىدۇ. بۇ فىرئەۋننىڭ مۇساسى يوق، چۈنكى مۇسالارنى ساق قويمىدى، قولىنى بالا ياتقۇغىچە ئۇزاتتى؛ ئېرقى قىرغىنچىلىق قىلدى دېسىڭىز، مۇسانى فىرئەۋننىڭ سارىيىدىن ئىزدەڭ. يەنى ھېچ مۇمكىنچىلىكى بولمىغان يەردىن ئىزدەڭ. يەنى ھېچ ئىھتىمالى بولمىغان يەردىن ئىزدەڭ، ھېچ كۈتمىگەن يەردىن ئىزدەڭ. شۇڭا ئىمان تۈگىمەي تۇرۇپ ئىمكان تۈگىمەيدۇ. يەنى ئاللاھ يوقتەك گەپ قىلماڭ، ئاللاھ يوقتەك ئويلىماڭ. كۆرەۋاتىسىلەر، قۇرئان بىكاردىن بىكارغا بىزگە بۇ قىسسەلەرنى بايان قىلمايدۇ مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن تەرجىمە- باتۇر قاراخانلې