565w
Sabitkadam
(Hi No. 2150427)
ئەندەلۇس ( ھازىرقى ئىسمى ئىسپانىيە، ئەندەلۇس مۇسۇلمانلار ئەينى ۋاقتىدا ياۋرۇپادىكى ئىسپانىيگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا قوللانغان ئىسم ۋە شۇ ۋاقتىدا قاتتىق گۈللەنگەن شەھەر) تارىخىدا بىر گۈزەل ھىكايە بار. ئۇچاغلاردا خەلىپەلىك زامانى بولۇپ، شۇ زاماندىكى خەلپە ئوغلىنىڭ تۇينى قىلىپ قۇيۇش ئۈچۈن بىر قىز ئىزدەپ قالدى. ئادەتتكى بىرنى ئەمەس بەلكى ئەڭ ياخشى بىر قىزنى تېپىشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرتەبە شەھىرگە:«20/16 ياش ئارىسدىكى تۇي قىلشقا مۇۋاپىق، توي قىلشقا تەييار، قۇرئان كەرىمنى تۇللۇق يادقا ئالغان قىزى بولغان ئائىلىلەر بولسا بۇ كىچە دەرىزەسگە بىر تال شام يېقىپ قۇيسۇن » دەپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇ كىچە پۈتۈن شەھەر يورۇق بولۇپ كەتكەنلىك خەۋىرى خەلىپىگە يەتتى. چۈنكى شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى دىزگۈدەك قۇرئان كەرىمنى تۇللۇق يادقا ئالغان ئىدى، خەيرىلىك بولسۇن دىدى. خەلىپە ئوغلۇم ئۇ قەدەر كۆپ قىزلا بىلەن توي قىلالمايدۇ. دىدى .شۇڭلاشقا يەنە بىر كىچسى «توي قلش يېشىغا يەتكەن ،قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادىلغاندىن سىرت مالىك فىقھسنى تولۇق يادىلغان قىزى بولسا دەرىزىسگە شام يېقىپ قويسۇن »دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى ،ئۇ كىچمۇ ئالدىنقى كېچىدەك بولمسمۇ پۈتۈن شەھەر يەنىلا پۈتۈن شەھەر شام يۇرۇقلىرى ئىچىدە بولغانلىقى سۆزلەندى …… شۇنى ئىيتقۇم كىلدۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۈممەتكە توي قىلىش يېشىغا كەلگەن ،قۇرئان كەرىمنى يادغا ئالغان ۋە مالىك فقھنى يادىلغان،،،،،دىگەن شەرتنى دىمەي تۇرايلى بولدى ،خالىغان بىر فقھى كىتاپ يادلىغان بىر قىز بارمۇ؟ دەپ سورىساق، بىزنىڭ دەرىزىلىرمىزدە بىر تالمۇ شام بولمىغان بۇلاتتى. مانا بۇ ئۈممەتنىڭ ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بىردۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىز، قىز ئاياللىمىز بىلىملىك بولغاندا ئۈممەت كۈچلۈنىدۇ. ئەرلەرنىڭ تەربىيلىنىشى زۆرۈر، ئەركەكلەرنىڭ ھەممسى ئىلىملىك بولشى كىرەك، ئۇلارغا دائىم ئىھتىياجمىز بار. ھەر بىر ئىمامغا ئىھتىياجىمىز بولىدۇ. دىمەكچى ئۈممەت ئۈچۈن ئەسلى ئمتاھان ئاياللارنىڭ تەربىيەلەنگەن بولشىدۇر . بۈگۈنكى كۈندە ،ئاياللارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ. كۈپىنچىلىرى بەزى يەرلەردە مەسجدكىمۇ كىرەلمەيدۇ، ،مەسجدلەردە ئۇلارغا ئايرىلغان يەرمۇ يوق ئۇلارنى تەربيلەشنى قۇيۇپ تۇرۇڭ ، مەن مۇسۇلمان دىگەن قىزلىرىمىز، ئانىلىرىمىز، ئاچا - سىڭىللىرىمىز قۇرئان يادلاش ئەمەس ھەتتا تۈزۈكمۇ ئوقالمايدۇ، ئوقسىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشنى ، يېتەكچى قىلىشنى تىخى بىلمەيدۇ. تاماق ئېتىپ، ئۈي تازلاشنى ھىچ قۇسۇرسىز ياخشى بىلدۇ ماشا ئاللاھ . لىكىن قەلىبنىڭ چىرىغى بولغان ئىمان - ئىلمىدىن ھىچ خەبەرسىز ياكى چالا. نۆۋەتتە ئھتياجىمىز بولغان بىردىنبىر ئىش مۇشۇلا. ئاياللار ئۈممەتنىڭ تەربىيەچىلىرى ،ئۇلار ئىلم بىلەن قۇراللىنىشى كىرەك ،ئسلامنى بىلشى كىرەك . مانا بۇ سەۋەپتىن ئەندەلۇس زامانى ئۈممەت ئۈچۈن بىر زامان بولۇپ ھساپلىندۇ. مەن بۇ يەردە ئاياللارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ پەننىي ئىلملەرنى ياكى ھىساپ ئۈگنىشنى سۆزلىمەيۋاتمەن، مەن ئىسلامنى كۆزىدە تۇتىۋاتىمەن، ئسلامىمىزنى، دىنىمىزنى ئۈگنشى كىرەك. خەلقمىزدە «دىن چىراق ، پەن ئەقىل،» « دىن يۈرەك، پەن مېڭە» دىگەن ھەقىقەتنى تونۇغانلامۇ چىقىۋاتىدۇيۇ لىكىن كېڭىيەلمەيۋاتىدۇ. بىز اللەنى ېىغىزىمىزنىڭ ئۇچىدا ئېيتىپ قويۇپلا، نۇسرەت قازىنالمايمىز، تارىختىن بۇيان ئىززەت اللە نىڭ ياردىمىسىز قولغا كەلگەن ئەمەس، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك، بىز چۇقۇم مۇشۇنداق قىلشىمىز كىرەك، ئائىلىمىزنى مەكتەپكە ئايلاندۇرىشىمز كىرەك، دادىلار مۇنەۋۋەر مۇدىر، ئانىلار مۇنەۋۋەر تەربىيچى بولالىساقلا بىر تۈركۈم ياراملىق ئۈممەت ئىز باسارلىرى يىتىشىپ چىققۇسى ئىن شا اللە. قىز - ئاياللىرىمىز ئىلىم ئىلىشى كىرەك. مەبلەغ تەلىم - تەربىيەگە سېلىنىشى كىرەك. ماددىزىمنىڭ مەھسۇلى بولغان يەھۇدىسىمان، ناساراسىمان، ئەبجەش، تەقلىدى مۇسۇلمانلارغا ھېچ ئىھتىياجىمز يوق. روھى چاڭقاقلىقنى بەرىبىر ماددا بىلەن تويۇندۇرغىلى بولمايدۇ. پەرزەنىتنى ئۇرۇقچا، بىخ ۋە مايسا ھالىتىدە تۇنجى بولۇپ تەربيلەپ يېتشتۈردىغان دەل شۇ قىز - ئاياللار ئۆز دىنى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمسە باللىرىمىزغا نېمنى ئۈگتىدۇ؟ پەرزەنىتلىرىمىز قانچىلىك ساغلام مۇھىت ئىچىدە يىتىلىۋاتىدۇ، بىز قانچىلىك پاكىز مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز؟ ئاياللىرىمىزغا، ئانىلىرىمىزغا قارىساقلا بىلىمىز. ھەقىقەت شۇكى ،بۈگۈن ئۇممەت ئېغىر كىرزىستا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئاياللار ئىسلام ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدۇ ۋە ئەركەكلەر بولسا بارغانسىرى ئىلمسىز، تەربيەسىز، غايىسىنى يوقاتقان ۋە ياكى غايىسى ھەققىدە ئويلايدىغانغا ۋاقتىمۇ يوق دىيەرلىك..... ئاقىۋەت ئاپئاق قەغەزدەك پەرزەنىتلەرنىڭ قەلبىگە ھېلى ئىنگىلىزچە، ھېلى خەنزۇچە، ھېلى ناخشا، ھېلى دىلبۇزور (تېلىۋۇزۇر) بىلەن قالايمىقان بىر نەرسىلەر جىجىلىپ، ئىلمى، ئىمانىي پۇچەك، نە غايىسى، نە ياخشى ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش تەرتىپى بولمايلا، مەكتەپكە كىرىپ كېتىۋاتقان، ئەمدى ئىماندىن سۆزلەي دىگەندە ئىڭەككە تاقىشىپ بولغان، گەپ ھېچ تەسىر قىلمىغان، ئۈنىمى بولمىغان... ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن باشلاپ ئىلىم ئۈگىنىشكە ئاتلىنايلى! ئىلىم بىلەن قۇراللانساق ئىن شا اللە بىر تۈركۈم ياراملىق ئۈممەت ئىز باسارلىرى ئۆي - ئۆيلەردىن تەربىيلىنىپ چىقىپ، يىقىن كەلگۈسىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئۇممەت يىتىشىپ، چىقىپ، ئۇممەتنى قۇتقۇزغۇسى ئىن شا اللە.