559w
💤فىلورە💤
(Hi No. 2032481)
ئىسلامى بالىلار قوشقى بالىڭىزغا يادىلىتىڭ2014-02-18 بىسىڭ newqiran
newqiran undidar saloni
salon izdax numuri : NEWQIRAN
ئىسلامىي بالىلار قوشاقلىرى
ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى
ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئانا مېنى تۇرغۇز قېشىڭدا.
سەن كىچىك دەپ ھەيدىمە مېنى ،
ئاز قالدىمغۇ ناماز يېشىمغا.
دادا مەنمۇ ناماز ئوقۇيمەن،
ئېلىپ بارغىن بىللە مەسجىدكە.
تۇرالايمەن ئويغاتساڭ ئەگەر،
سەندىن بۇرۇن ئەتىگەنلىككە.
ئۇقىۋالدىم ناماز ۋاقتىنى،
سۈبھى تاڭدا بولاركەن بامدات.
بۇندا كىچە كۆزگە ئۇيقۇ يوق،
تەقەززامەن تاڭ ئاتقىن تاڭ ئات.
چۈشلۈك تاماق يەپ بولدۇم مانا.
ئېلىۋالاي دەرھال تاھارەت.
چۈنكى ھازىر بولىدۇ پىشىن،
ئوقۇۋالاي ئازادە- راھەت.
بالدۇر ئەكەل يەسلىدىن مېنى،
ئوقۇمىسام بولمايدۇ ئەسىر.
ئويۇن بىلەن بولمايمەن ھايال،
يەتكۈزمەيمەن نامازغا تەسىر.
قاراڭغۇلۇق باسسا جاھاننى،
بولىدىكەن نامازشام ۋاقتى.
ھەراس تېخى خۇپتەن بار ئىكەن،
تاس قاپتىمەن ئۇخلاپ قالغىلى.
ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئۈگىتىڭلار ئاتا- ئانىلار.
ئىبادەتنى باشلايلى بىزمۇ،
ئۆتۈنىمىز ھەممە بالىلار.
تاماقتىن بۇرۇنقى دۇئا
تائام يىيىشتىن ئالدىن،
قول ئاچتىم رەببىم ساڭا.
ساغلام ئەقىل، ساپ ئىمان،
گۈزەل ئەخلاق بەر ماڭا.
يىمىسەم ئۆسەلمەيمەن،
مەكتەپكە بارالمايمەن.
قېنى تېز- تېز يىيەيلى،
مەكتەپكە تېز كېتەيلى.
ياراتقان ﯪﻟﻼھىمغا،
دائىم دۇئا قىلايلى.
تاماقتىن كېيىنكى دۇئا
ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ،
بۇ نىمەتنى بەرگەن ﯪﻟﻼھ.
تائام بەرگەن، رىزىق بەرگەن،
رەببىم پاكتۇر سۇبھانەللاھ
كۆپەيسۇن ئازايمىسۇن،
قوشۇلسۇن كېمەيمىسۇن،
ئاخىرى كۆرۈنمىسۇن،
ئىشتىھا كېسىلمىسۇن.
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ.
ئىشىنىمەن دىلىمدىن،
چۈشۈرمەيمەن تىلىمدىن.
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ.
مۇھەممەدتۇر ﯪﻟﻼھنىڭ،
ئەلچىسى رەسۇلۇللاھ.
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
ئىشىنىڭلار تۇققانلار.
ئۇدۇر بىزنى ياراتقان،
دىلغا ئىمان تاراتقان.
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
ئىشىنەر مۇسۇلمانلار.
مەن مۇسۇلمان بولىمەن،
ئەقىل كۈچكە تولىمەن.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىسمىللا دەپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن،
بىسمىللا دەپ ئالدىم تاھارەت.
بىسمىللا دەپ ئوقۇدۇم ناماز،
بىسمىللادىن باشلاپ قىرائەت.
بىسمىللا دەپ قىلدىم ناشتىنى،
دادام شۇنداق تاماق يەڭ دېدى.
بىسمىللادىن باشلاش ھەر ئىشنى،
مۇسۇلماننىڭ خىسلىتى دېدى.
ئەنە قاراڭ دادام ئىشىغا،
بىسمىللا دەپ كىتىۋاتمامدۇ!؟
ئانام ھەتتا چۈشلۈك تاماقنى،
بىسمىللا دەپ ئىتىۋاتمامدۇ!؟
يەنە تېخى كەچلىك ئۇيقۇنى،
بىسمىللا دەپ ئۇخلايدىكەنمەن.
بىسمىللادىن ئايرىلمىساملا،
ھېچنىمىدىن قورقمايدىكەنمەن.
بىسمىللاغا ئايلانسا تىلىم،
يۇرۇيدىكەن ئۇنىڭدىن دىلىم.
تىل تاتلىقىم، قەلب شاتلىقىم،
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.
newqiran undidar saloni
salon izdax numuri : NEWQIRAN