1'20"
559w
◆♥ ئخلاس♥◆
(Hi No. 2211372)
جەننەت ئەھلىلىرى جەننەتكە كىرگەن چاغدا، ئەتراپىغا قارىشىپ دۇنيادا ياخشىلىقنىڭ ئۇستىدە دائىم بىللە بولغان بۇرادەرلىرىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۇپ ،اللە سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن : ( ئي:رببىم ! دۇنيادا بىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيدىغان ، بىللە روزا تۇتىدىغان بۇرادەرلىرىمىز بار ئىدى ، ئۇلار ئەتراپىمىزدا كۆرۇنمەيدۇ) دەپ سورىغاندا . اللە سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا:«دوزاخقا بىرىڭلار،ۋە ئۇنىڭدىن قەلبىدە زەررە چىلىك ئىمانى بار كىشىلەرنى چىقىرىڭلار »دەيدۇ . ھەسەنۇل بەسەرى -رحمه الله -مۇنداق دەيدۇمۇئمىنلەردىن ئۆزلىرىڭلارغا كۆپ دوست تۇتىۋىلىڭلار،چۇنكى ئۇلار قىيامەت كۇنى شافائەت قىلىش مەرتىۋىسىغا ئىگە). ئبنى جەۋزى -رحمه الله -مۇنداق دەيدۇ: (ئەگەر مىنى جەننەتتە ئاراڭلاردىن تاپالمىساڭلار ،مىنىڭ ھەققىمدە سوراپ دەڭلاركى : (ئى :رەببىم ! سىنىڭ پالانىچى بەندەڭ سىنىڭ ھەققىڭدە بىزگە زىكىر قىلىپ بىرىدىغان ئىدى ). مەن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى بۇرادەرلىرىم ، ئەگەر جەننەتتە ئاراڭلاردىن مىنى تاپالمىساڭلار ، بىر قىتىم بولسىمۇ مىنى ئەسلەپ سوراپ قويۇشۇڭلارنى ئۆتۇنىمەن........ ۋاپادار دوست دىگەن :سەن بىلەن جەننەتنىڭ يولىنى تەڭ باسىدىغان دوست....