567w
Thankyou°alla®
(Hi No. 2174373)
ۋاي ۋاي ۋاي، ھالىڭغا ۋاي ،49- يىلى،نەيرەڭلەرگە ئالدىنىپ، ھىتگاھدا ساما سالغان ھالىڭغا ۋاي.
60 نەچچە كالتەك يەپ ھۇشۇڭنى تاپمىغان‹‹ھاڭراشقىمۇ پىتىنالمىغان›› ، ھالىڭغا ۋاي.
ئەجدادىڭدىن قالغان يەرزىمىننى تارقۇزۇپ قويۇپ، ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالغان مۇسۇلمانلار ھالىڭغا ۋاي.
تەخەيدىن پەشۋا يەپ، بىيجىڭغا بىرىپ ئىشەككە ئەرىز ئەيتىۋاتقان قۇزىچاقلارنىڭ ھالىغا ۋاي.
ئاناڭنىڭ قوڭىغا قولىنى تىقىپ، ئۇكاڭنى چۈشۈرىۋەتكەن قارا قولغا،جەرىمانە تۈلىگەن ھالىڭغا ۋاي.
يەسلىلەردە ، ‹‹ئانا›› دىسە شاپىلاق يەپ ، ‹‹ماما›› دىسە موما يەپ، يىغلاۋاتقان ئەۋلادىڭنىڭ زارىغا ۋاي.
ياغلىقىنى ئارتالماي، شەھۋانىي كۆزلەردىن، يوتىسىنى تارتالماي،ئەيدىز كىسىلىدىن قۇتۇلالماي، قىينىلىۋاتقان سىڭلىڭنىڭ ،ئاچاڭنىڭ ھالىغا ۋاي.
ئەركەك دوستۇم سىنىڭمۇ ھالىڭغا ۋاي، نىمىشقا ۋاي؟ھازىدار تۇرۇپ ئۆيىڭدە نەغمە -ناۋا قىلغان ۋىژدانىڭغا ۋاي.
سەنلەر ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەن زىيالىيلىرىڭ يوقاپ كەتسە،خاتىرجەم بەزمە قورۇپ ئولتۇرغان سەنئەت سۆيەر ھالىڭغا ۋاي.
قىرىنداش تۇرۇپ، نەچچە مىليۇن مەبلەغ سىلىپ ،ئانسامبىل تەشكىللەپ،،، تەكشۇرۇش ئۆمىگى تەشكىللىيەلمىگەن كارخانىچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي.
ھازىدار قىرىندىشىغا، نەغمە ناۋا ئارقىلىق تەزىيە بىلدۇرىۋاتقان ،كىسەلگە قاراپ دورا بىرەلمەيۋاتقان، تۈرۈك قىرىنداشلارنىڭمۇ ھالىغا ۋاي.
-------
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ، سەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، ھايۋانچىلىك ئەقلى يوق بىر قەۋىم بىز، شۇڭلاشقا ھەرقانداق دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولساقمۇ ،
سەندىن ئاغرىنىشقا قىلچە ھەققىمىز يوق.ئازغان بەندىلىرىڭنى توغرا يولغا باشلىغايسەن. گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ئامىيىن..