560w
ئويغان
(Hi No. 2156831)
ھىجاپلاندىم دەپ قويۇپ ئۇزۇن بولسىمۇ تار كىيىملەرنى كىيىپ يۈردۈڭ قانچىلىك؟ چىرايلىق بولىمەن دەپ ، ھىجاپلىنىپ تۇرۇپ قىنىق گىرىملەرنى قىلىپ يۈردۈڭ قانچىلىك؟ بىشىڭدا ياغلىق بولسىمۇ، تار ئىشتانلارنى كىيۋىلىپ ئۆزۈڭنى ھىجاپلىق چاغلاپ يۈردۈڭ قانچىلىك؟ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چاچلىرىڭنى بىشىڭدىن يوغان چازىلارنى ئىشلىتىپ تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈپ، مودا مۇسۇلمان بوپ، پارقىراق ياغلىقلارنى مودا قىلىپ ئارتىپ، ئۇياتلىق يەرلىرىڭنى ياپالىدىمۇ يوق كارىڭ يوق يۈردۈڭ قانچىلىك؟ ياغلىقلارنى ئارتىۋىلىپ مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپ ئوغۇل دوست تۇتۇپ قولتۇقلىشىپ يۈردۈڭ قانچىلىك؟ ئۇزۇن كىيمىڭ بىلەن ياراشمىغان، پاشنىسى 2مىتر كىلىدىغان ئاياقلارنى كىيۋىلىپ، يەرنى قاقشىتىپ دەسسەپ ھاكاۋۇرلۇشۇپ يۈردۈڭ قانچىلىك؟ ياغلىقنى ئارتىۋىلىپ دىبامۇ دىبا، تورخانىمۇ تورخانا، بازارمۇ بازار يۈرۈپ، يا مۇسۇلمان بولماي، يا باشقا نەرسە بولماي ھىجاپنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈردۈڭ قانچىلىك؟ ئاللاھ مۇسلىمەلەرنى رىيا ئەمەللەردىن 、 ھاۋايى ھەۋەسلەردىن يىراق قىلسۇن . دىيانەتلىك سالىھەلەردىن قىلسۇن ئامىن