572w
↑☞غرباء→※
(Hi No. 1512256)
بۇ خاتالىقمۇ ؟ ياكى قەستەنلىكمۇ️ ؟؟؟ پۈتۈن جۇڭگو ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئېنىق خەۋەردار بولغان خوتەن كېرىيەدە تەۋرىگەن 7.3 بال يەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2-يۈرۈش قانىلىنىڭ 2014-يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى چۈشلۈك خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا 《2 ئاينىڭ 12 كۈنى 15 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەندە 3.7 بال يەر تەۋرى》دەپ كۆرسىتىلدى· بۇ يەردە نۇرغۇن كىشى تولا قاخشاپ ئېغىزىنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتسىمۇ ياخشىلانمىغان تېلېۋېزىيە ئىكرانىدىكى ئىملا خاتالىقى مەسىلىسىنى پەقەت تىلغا ئالغۇم يوق، چۈنكى 《ئابدۇخالىقنىڭ چەمى》گە ئامال يوق!لېكىن 3.7 بال بىلەن 7.3 بالنىڭ پەرقىنىمۇ ئايرىماي، ئاقنى قارا قىلىپ كۆرسەتسە قانداق بولىدۇ؟ بىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان 《نوپۇزلۇق》نىڭ نوپۇزى قېنى ؟ فىلىم نازارەتچىلىرى فىلىمنى ئەستايىدىل كۆرەمدۇ ياكى ئالدىراشچىلىقتا چولىسى تەگمەمدۇ ؟ بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنى ، كېسىپ ئېيتقاندا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، ئاخبارات_خەۋەرلەرنىڭ چىن ، ۋاقتىدا ، توغرا يەتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان قانال، ئىستانسا، ئىدارە رەھبەرلىرى قېنى؟ مېنىڭچە ئۇلار بار ، 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىغىنى خوتەنگە كەتمىدى! يۇقارقى يازمامنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، تېلېۋىزور ئىكرانىدىن تارتىلغان بۇ سۈرەتنى يوللىدىم · بۇنى كۆرگەن ھەربىر كىشى مەندەك ھېسسىياتقا كېلىشى مۇمكىن·