568w
♥جان پىدا♥
(Hi No. 2057652)
ئانا بولغاندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئانا بولغاندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ،قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن: 1. گۈل-چىچەكلەرنى پۇراش ئورنىغا ،بوۋىقىڭىزنى پۇرىغىڭىز كىلىدۇ،ئۇنىڭ ھىدىگە تويمايسىز. 2. ھېچنەرسىدىن قورقمايمەن دەيسىزيۇ،بالىڭىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ يېڭى-يېڭى ئەندىشە ۋە قورقۇنچلار سىزنى چىرمىۋالىدۇ. 3. ئۆز ۋۇجۇدىڭىزغا،بەدىنىڭىزگە ،ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە نىسپەتەن يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولىسىز. 4. ئاتا-ئانىڭىزنى ئىلگىركىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەشكە باشلايسىز. 5. تاۋىڭىز نازۇكلىشىپ كېتىدۇ. 6. ھاياتىڭىزغا ھەر كۈنى يېڭى مەنالار قوشۇلىدۇ،ھاياتنىڭ چىن مەنىسىگە يەتكەندەك بولىسىز. 7. ئەينەككە قارىغىنىڭىزدا ،ئۆزىڭىزگە چىھرىڭىزدىكى قورۇققا ئەمەس،قۇچىقىڭىزدىكى،ئەينەكتىكى سىزگە قاراۋاتقان بوۋاققا قارايسىز. 8. ئۇيقىڭىز سەگەكلىشىدۇ،سەھەر تۇرىدىغان بولۇپ كېتىسىز. 9. شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتكىنىڭىزگە ۋاقىتنى قانداق يېتىشتۈرگىنىڭىزگە ئۆزىڭىزمۇ ھەيران قالىسىز. 10. ئىشلارنى سائەتكە قاراپ ئەمەس،بوۋىقىڭىزغا بېقىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولىسىز. 11. ئىشقا كېچىكىپ قالغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بالىڭىزنى بىرنى سۆيۈپ قويۇشنى ئۇنۇتمايسىز. 12. سىزگە كۈلۈپ بېرىۋاتقان،كۈندىن كۈنگە تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ ئوماقلىشىپ كېتىۋاتقان بالىڭىزغا قاراپ «شۈكرى ئەلھەمدۇلىللاھ» دەپ سانسىز قېتىم پىچىرلايسىز. 13،بوۋىقىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى قاراش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسرايدىغان بولۇپ كېتىسىز. 14.بۇرۇن ياستۇققا بېشىڭىزنى قويۇپلا ئۇخلىغان بولسىڭىز،بوۋىقىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن تالاي كېچىلەرنى ئۇنىڭ بۆشۈكى،كارىۋىتى يېنىدا كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزىسىز. 15.رومانتىك،خام-خىياللارنى تاشلايسىز،سۈرىدىغىنىڭىز بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى خىياللارلا بولىدۇ. 16.17…..بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز،ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگە بۇ ئامانىتىنى ياخشى تەربىيلەيمەن دەيدىكەنسىز،ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ ئەي ئانىلار!