568w
↑☞غرباء→※
(Hi No. 1512256)
تۈرمىدىكى ھاياتىمباشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى kevser تەرپىدىن ئىبرەت دىگەن سەھىپدىىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىندى.(2011-11-22)
يازغۇچى:ئەلى ئىبنى ھەمزە ئەل ئۆمرى
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ
مىڭلارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بىلەن تۈرمىگە كىردۇق، ئەسلىدە بىز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
تۈرمە ئىچىدىكى ھاياتىمدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم، دەرد-ئەلەملىرى ۋە پىغانلىرىمنى سۆزلەپ تۈگىتىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. يېزىشقا توغرا كەلسە بىر قانچە توملۇق كىتاب بولۇپ چىقىدۇ. تۈرمە ھاياتى ئاجايىپ بىر ھايات بولۇپ، تارىختىن بىرى تۈرمە ھاياتى ھەققىدە يوغان ھەجىملىك كىتابلارنى يازغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەھمەد رايىفنىڭ«قارا دەرۋازا»، زەينەب غازالىينىڭ«ھاياتىمدىن كۈنلەر»، ئابدۇلھەمىد كىشكنىڭ« ھايات قىسسىلىرىم» ناملىق ئەسەرلىرىمۇ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى خاتىرىلىگەن ئەسەرلەر ئىدى.
لېكىن مېنىڭ بۇ قۇرلارغا يازىدىغىنىم خىش ۋە سىمۇنتتىن ياسالغان تۆت تامنىڭ ئىچىگە مەھبۇس بولۇپ قالغان ھاياتنى يازمايمەن. بەلكى ماددىنىڭ توساقلىرى ۋە ئىگىز تاملىرى ئىچىدە مەھبۇس بولۇپ قالغان مەنىۋى ھاياتنى يازماقچىمەن.
توغرا، مەن قۇتۇلۇش ئەڭ قىيىن بولغان، ئەڭ رەھىمسىز تۈرمە ھەققىدە سۆزلەيمەن. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە « ھەقىقىي مەھبۇس قەلبىدىن مەھبۇس بولغان كىشىدۇر، ھەقىقىي ئەسىر ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەسىر بولغان ئادەمدۇر»دېگەن ئىدى.
توغرا ھەقىقىي تۈرمە ئىنساننىڭ گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ سىرتمىسىغا چۈشۈپ، شەيتاننىڭ ئۇيۇنچىقىغا ئوخشاپ قالغان، نەپسىي-ھەۋىسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالغان ۋاقتىدۇر. بۇنداق بىر تۈرمىگە چۈشۈپ قالغانلار تۆت تامنىڭ ئىچىدىكى تۈرمىگە چۈشكەنلەردىن نەچچە ھەسسا ئارتۇق ئازاپ چېكىدۇ، نەچچە ھەسسە ئارتۇق يىغلايدۇ. مۇنداق كىشىلەر بۇ تۈرمىدىن خالاس بولۇشنى خالايدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىرى ئۈچۇن پۇرسەت كېتىپ قالغان، بەزىلىرى قايتالمايدىغان تۇياق يوللارغا كىرىپ قالغان سەۋەبلىك مەھبۇسلۇقتا تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز ئازابلارنى چېكىدۇ.
بىز مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەنە شۇنداق گۇناھ-مەئسىيەت تۈرمىلىرىگە چۈشۈپ، تويماس نەپسىمىزنىڭ ئەسىرلىرىگە ئايلىنىپ قالغانمىز. بۇ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىدىن قۇتۇلۇش ئانچە ئاسان ئەمەس.
-بىز ئاللاھ تائالانى ياد قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىزدا تۈرمىگە كىردۇق.
-بىز شەيتان بىزنىڭ قولىقىمىزغا سىيىپ قويغانلىقتىن بامدات نامىزىنى قاچۇرۇپ قويغىنىمىزدا تۈرمىگە سولاندۇق.
- بىز ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىزدا تۈرمىگە كىردۇق.
- بىز گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشنى كېچىكتۈرۈپ قويغىنىمىزدا تۈرمىگە كىردۇق.
-بىز ئۆزىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۈرمىگە سالدۇق. ھالبۇكى بىزدە تۈرمىنىڭ ئاچقۇچى بارلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىمىز. تۈرمىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنى ئارمان قىلىمىز، تىلەيمىز. ئەمما قۇتۇلۇش چارىسى ئۆزىمىزدە بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق ياكى ھېس قىلمىدۇق.
ئۇنۇتمايلىكى، بىزنى گۇناھ-مەسىيەتلەر تۈرمىسىدىن ۋە نەپسىمىزنىڭ ئەسىرلىكىدىن چىقىرىدىغان ئاچقۇچ-تەۋبە -ئىستىغفاردۇر.
مانا بۇ مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشىغان سانسىزلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن كىرىپ قالغان تۈرمىمىزدۇر.
بىز بۇ تۈرمە ھاياتىدىن قۇتۇلامدۇق ياكى ئۇنىڭدىن ئاقلىنىپ چىقامدۇق، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە ۋە خاھىشىمىزغا باغلىق ئىش