5'8"
568w
↑☞غرباء→※
(Hi No. 1512256)
ئويلاۋاتامسەن؟ قاناتلىرى بۇغۇشلاندى، دەپ؟
ئارمانلىرى بىر قەپەسكە قۇلۇپلاندى،دەپ؟
جىسمىنى ئەركىندىن ئايرىغاندازىندانلار،غەلبىسىدىن قاقاقلىغاندا يۈركى كۇفاۇرغا تولغان مۇسۇلمانلار،
ياق!
مەن ھازىرمۇ قاناتلىرنى خايىشىغا قۇيۋەتكەن بىرقۇش،گۈزەل ھىسلىرىمنىڭ كەڭرى ئاسمىندا يايلاپ ،
بىركۈيۈمدە مىڭ ئارزۇنى سايراپ، سەن كۆرمىگەن ،سەن كۆرەلمىگەن بىرچۈش
ئويلاۋاتامسەن ؟
تايانچلىرى يىقىلغاندۇ،دەپ؟
يېقىنلىرى بۇھالدىن سىقىلغاندۇ،دەپ؟
ئوققا تۇتۇلغاندا باتۇر ئاجىزەلەر، قاراتۇپراققا يىقىلغاندا ،
سانسىز شەھىد-شەھىدەلەر
ياق مەن ئەسما-سۈمەييەلەر قالدۇرغان بىر ئەمەس مىڭ جان..!
رەببىمدىن ئۆزگە تايانچ كۆرمىگنىمدەك،رەبىمگە تايانماي يۈرمىگنىمدەك،
ئەزىزلىرىم خاتىرجەمدۇر ئىمان ئۈچۈن ئاقسىمۇ گەر دەرياكەبى قان
ئويلاۋاتامسەن ؟
ياش ھاياتىت خازان بولدى، دەپ؟
ئىستىقبال گۈللىرى ۋاىتسىز سولدى،دەپ؟
ھەقىقەتكە ئېتىلغاندا جاھىل تاشلار، مەھكۇم لۇققا تۇتۇلغاندا ئون سەككىز-يىگىمە ياشلار
ياق !مەن ھىلىھەم ئالغان نەپەسلىرنى سۆيۈپ يۈر گەن بىر قىز، ئون ئۈچ ھەشىرەم بىلەن بىللە ، تۆمۈر رىشاتكىنىڭ كەينىدە،
قالدۇرمىز ياشلىق دەملىرگە مىڭلىغان ئۇنتۇلماي ئىز
ئويلاۋاتامسەن ؟
قىز بالا ئاجىز ئىدى،دەپ؟ ئىنسانى ھىسلرى ۋايىم يىدى، دەپ؟
يىل ئۆتۈپ سولغاندا گۈلدەك يۈزلەر ،تۆمۈر قەپەس سىرتىدىن تەلمۈرگەندە مەن سۆيگەن كۆزلەر
ياق!
مەن ساداقلاردىن ئىمان دۇشمىگە ئېتىلغان بىر ئوق،
سوت مەيدانى ،جەڭگاھلارغا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ،يۈركۈمنى نەيزىلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ كۈلەلەيمەن قەلبىمدەھېچ ئەنىرەش ، ھېچ قورقۇنۇچ يوق!
يۈركۈمگە ئىمانمنى تېڭىپ تۇرۇپ ،رەببىم!دەيمەن
قۇراللارنى يېڭىپ تۇرۇپ !رەببىم دەيمەن
قۇشۇنلارنى يېرىپتۇرۇپ، رەببىم !دەيمەن
بېشىمدا كۈن غېرىپ تۇرۇپ رەببىم !دەيمەن
يەرۇ ئاسمان سەجدىسنىڭ ئىگسىسىز،رەببپىمىزنىڭ ئىرادىسى ۋە بۇيرۇقسىز،
سەبىر نەدە؟ئۈمۈد نەدە؟
يۆلەك نەدە؟ئۆلۈم نەدە؟
شېھىد نەدە؟قورۇقمايدىغان يۈرەك نەدە؟
ئى اللە !
ئۈممەتنىڭ مەردانە قىز -يىگىتلىرنىڭ ھۆر مىتىگە ئۈممەتنى قاراڭغۇ تۈر مىلەردىن،
قاراڭغۇ ھاكىميەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ،ئىسلامى ھاكىميەتكە مۇيەسسەر قىلغىن، امىن...!
ئاپتۇرى : مۇيەسسەر ئابدۇل ئەھەد خەندان