568w
★ TuZ ~ YoL ★
(Hi No. 1362109)
ھاياتتا رەببىمنى سۆيۈپ ياشايمەن ،ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيۈپ ياشايمەن.
گەر ئاچچىق قىسمەتلەر ئەزسىمۇ دىلنى ،
سەبىرنىڭ ئىچىدە كۈلۈپ ياشايمەن.
يىگانە قالساممو ئاللاھ يولىدا ،
ئۆكۈنمەي ئۈمىدكە تولۇپ ياشايمەن.
باتىلغا ئەگىشىپ كەتسىمۇ ھەممە ،
مەن ھەقنىڭ جارچىسى بولۇپ ياشايمەن.
ئىزلەپ ھەر قەدەمدە ئاللاھ رىزاسىن،
كۆڭلۈمگە جەننەتنى پۈكۈپ ياشايمەن.
سىراتەلمۇستەقىم ئۈستىدىن قايماي،
ئىمانى سۆيگۈگە چۆكۈپ ياشايمەن.
دوسلۇرۇم يالغۇزكەن دىمەڭلار مىنى،
مىھرىمنى رەببىمگە بىرىپ ياشايمەن.
سۆيەگىنىم ، ھەمراھىم ئاللاھتۇر پەقەت.
شۇڭلاشقا مەن مەغرۇر كۈلۈپ ياشايمە