2'16"
577w
☝تەشنايى☪
(Hi No. 1359345)
قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى نازۇك دىلىمنى،شامالدارىپ كېكەچ قىلدى بۇلبۇل تىلىمنى.
قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس بولدۇم پارالىچ،
نېمەم بىلەن قىلاي رازى ئەزىز ئېلىمنى؟
قارا تۈنلەر ئىلكىدە بىر كۈن تۇغۇلدۇم،
تۇغۇلدۇم ھەم قەپەز ئىچرە دەرتكە بوغۇلدۇم.
ئۆمرۈم مېنىڭ ھەسرەت بىلەن، دەرت بىلەن ئۆتەرمۇ؟
ئەلگە خىزمەت قىلاي دېگەن ئوغۇلدىم
تىرىك دېسەڭ تىرىكلىكتە مەنا يوق،
ئۆلەي دېسەڭ ئۆلمەكلىككە بانا يوق
كۈندە تەشۋىش كۈندە ئەلەم كۈندە دەردۇ-غەم،
دەردىمنى ئېيتاي دېسەم ئاڭلارغا دانا يوق.