562w
☝تەشنايى☪
(Hi No. 1359345)
ھەممىسى كەتتى !!!ھەق يولدا ئىزدىنىپ ماڭغانمۇ كەتتى،
دۇنياغا يۈگۈرۈپ چاپقانمۇ كەتتى،
ئەركەكتەك ياشىغان يولۋاسمۇ كەتتى،
توشقاندەك ياشىغان ئاجىزمۇ كەتتى،
قىزلارنى ئۆز قولدا بۇزغانمۇ كەتتى،
جاھانغا تۆھپىلەر قوشقانمۇ كەتتى،
گۇناھقا باشچىلاپ پاتقانمۇ كەتتى،
سەبىردە ئۆزىنى تۇتقانمۇ كەتتى،
مەجبۇرى تېنىنى ساتقانمۇ كەتتى،
ھايانى كۈيلىگەن قىزلارمۇ كەتتى،
پۇل ئۈچۈن ئىماننى ساتقانلار كەتتى،
دوستلارغا جان بەرگەن مۇڭداشلار كەتتى،
يوللاردا بەخىرامان ماڭغانلار كەتتى،
داچىدا سوزۇلۇپ ياتقانلار كەتتى،
اللەقا خىيانەت قىلغانمۇ كەتتى،
ئاجىزغا يار_يۆلەك بولغانمۇ كەتتى،
جاھىللىق ئىلكىگە پاتقانمۇ كەتتى،
ئازاپتىن نەچچىسى يىغلاپمۇ كەتتى،
كۈلۈشكە ئۈلگۈرمەي تولغۇنۇپ كەتتى،
يىتىمنىڭ ھەققىنى يىگەنمۇ كەتتى،
ئىسلامنى كۈيلىگەن ياشلارمۇ كەتتى،
ھاياتقا تەلمۈرۈپ باققانمۇ كەتتى،
بۇ جاھان ئىنساپسىز نىمە بوپ كەتتى،
بەزىلەر قايغۇلۇق يىغلاپمۇ كەتتى،
بەزىلەر خوشاللىق جىرلاپمۇ كەتتى،
بەزىلەر تېشىنى سىرلاپمۇ كەتتى،
بەزىلەر ياستۇقنى قىرلاپمۇ كەتتى،
بەزىلەريۆلەكسىز ئىڭراپمۇ كەتتى،
دۇشمەنگە بىر پاي ئوق ئاتقانمۇ كەتتى،
غەپلەتتىن ئويغانماي ياتقانمۇ كەتتى،
ھەسسىلەپ تۆھپىلەر قاتقانمۇ كەتتى،
تېنىنى پۇل ئۈچۈن ساتقانمۇ كەتتى،
كىملەردۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ كەتتى،
تارىخقا نامىنى يازدۇرۇپ كەتتى،
بىلىمنىڭ كانىنى قازدۇرۇپ كەتتى،
ئەپسۇسكى دەردىگە كىملەرمۇ يەتتى ،
كەتكەنلەر مەڭگۇگە كەلمەسكە كەتتى،
دۇنياغا ھەممىلەر كەلدى ھەم كەتتىى،
كەتكەنلەردىن كىملەر ئارمانغا يەتتى،
بەزىلەر دۇنيادىن زارلاپلا ئۆتتى،
نەدە بار كىمدە يوق كىم بىلىپ يەتتى،
رازى ھەم نارازى ھەممىسى كەتتى،
ئانىلار بىر ئۆمۇر بالام دەپ كەتتى،
ئاتىلار بار ئىدى چالام دەپ كەتتى،
پىخسىقمۇ نەچە رەت كالام دەپ كەتتى،
شائىرلار سۇنمىسۇن قەلەم دەپ كەتتى
دەرتمەنلەر كەلدى كۆپ ئەلەم دەپ كەتتى،
بىراۋلار بىمارغا قان بېرىپ كەتتى،
بىراۋلار قۇچقاچقا دان بېرىپ كەتتى،
بىراۋلار نوپۇسقا سان بېرىپ كەتتى،
بىراۋلار سەجدىدە جان بېرىپ كەتتى،
بۈگۈن بار ئەتە بار تۈنۈگۈن كەتتى،
تاڭ ئاتسا سەرگەردان بۈگۈنىڭ كەتتى،
بىلسەڭ گەر ھاياتتىن بىر كۈنىڭ كەتتى،
بۇ كۈنىڭ قايسى بىر نىشانغا يەتتى،
ۋاقىتمۇ بەرىبىر چېكىگە يەتتى ،
سەنمۇ بىر ئىز قالدۇر ھەممىسى كەتتى. !!!
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
قېرىنداشلار: ھازىر 85% ئاياللار ئەتتىرسىز سىرىتقا چىقمايدۇ، مۇشۇ ھالەتتە ئاياللىرىمىزنىڭ ... ھەممىسى پاھىشە بولامدۇ؟
ئەركەكلىرىمىز ئاياللارغا ئىگە بولايلى! قىزلار لايىق تاللىغاندا ئىسىل ماشىناڭ بارمۇ؟ ئۆيۈڭ بارمۇ؟ ماڭا قانچىلىك تويلۇق ئالالايسەن دەپ سوئال سورىماي، مېنى يات ئەردىن كۈنلىيەلەمسەن؟ مېنى ئەڭگۈشتەرنى قوغدىغاندەك قوغدىيالامسەن؟ مېنى نامازغا توۋلىيالامسەن؟ گۇناھ مەئسىيەتتىن توسالامسەن؟ مېنى مەڭگۈلۈك جەننەتتە قولۇمدىن تۇتۇپ مېڭىشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ماڭا كېرىكى بىر غورورلۇق ئەر، بىر جەينەماز، بىر قۇرئان دىيەلىشى لازىم. مانا بۇ بەخىت، مانا بۇ كاتتا نىئمەت. See More