Avatar
590w
🔫فدايى🔫 (Hi No. 1358323)
تارىخ بەتتە ئۆتۈپتىكەن نى ئارىسلانلار،
ئېشىپتىكەن بويۇن ئەگمەي تاغۇ داۋانلار.
تونتۇپتىكەن مىللەتىنى دۇنياغا شۇنداق،
فەخىرلىنەر شۇئەجداتتىن غېرىپ ئۇيغۇرلار.

_ تارىخ بەتتە ئۆتۈپتىكەن نى ئارىسلانلار،
چىن تۆمۈردەك پالۋانلار ۋە سىيت گاڭگۇڭلار.
تارىخ بەتكە يېزىپتىكەن قانى بىلەن ئىز،
فەخىرلىنەر شۇ ئەجداتتىن غېرىپ ئۇيغۇرلار.

_ مەھمۇتىدەك خاس ھاجىپتەك نى نى ئەدىپلەر،
شائىرلادىن خالىق ئۇيغۇر لى مۇتەللىپلەر.
ئۇيغۇرۇمنى دۇنياغىمۇ تونۇتقان شۇلار،
فەخىرلىنەر شۇ ئەجداتتىن غېرىپ ئۇيغۇرلار.

_ ئابدۇقادىر داموللامدەك كاتتا ئالىملار،
يەتتە قىزىم نۇزۇگۇمدەك شەھىت خانىملار.
بىز مىللەتتە مۇشۇلانىڭ بۈيۈك روھى بار،
فەخىرلىنەرشۇ ئەجداتتىن غېرىپ ئۇيغۇرلار.

_ بىزدىن چىققان نى شەھىدلەر نى نى غازىلار،
تارىخ بەتتە دەۋىر سۈرگەن قاراخانىيلار.
مۇشۇ بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئاتا بوۋىمىز،
فەخىرلىنەر شۇ ئەجداتتىن غېرىپ ئۇيغۇرلار.

_ فەخىرلەنمەي نىمە ئىش قىلسۇن ئۇيغۇرۇم غېرىپ،
خاراپ بولدۇق شۇ ئەجداتتىن بىزلەر ئايرىلىپ.
شۇڭقار بىلسەك ئۆزىمىزنى شۇ ئەجدات بىلەن،
ئۇچالمىدۇق ئەجدادىم يوق قانات قايرىلىپ.
قالدى شۇڭا غېرىپ ئۇيغۇر بۈگۈن زارلىنىپ.

ـ ئاپتور:ئەبۇ غازى 2013.12.11 ـ: ‏ ‏ihwan
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
🔫فدايى🔫 :اللە رەھمەت قىلسۇن590w
اَبُونَصرُالله :ياخشى يېزىلغان شىئر ئىكەن590w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms