564w
☜هدف☞
(Hi No. 1420702)
ئۇيغۇر بىز ئۆز ۋەتىنىدە سەرسان بوپ ياشايدىغان ئۇيغۇر بىز، بۇ كۈنلەرگە ھەيران بوپ قارايدىغان ئۇيغۇر بىز. جاھىلىيەتنىڭ بۆشىكىدە ئۇخلايدىغان ئۇيغۇر بىز، ناخشا ئۇسۇل بەزمىدە ئوينايدىغان ئۇيغۇر بىز. ئەھلىمىزنى ئۇنۇتتۇق ئەجدادلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئانا تىلنى ھەتتاكى ئۇخمايدىغان ئۇيغۇر بىز. ياۋلار تۇرسا ئەتراپتا چىلبۆرىدەك ھوۋلىشىپ، دوستلار كىمۇ دۈشمەن كىم تونىمايدىغان ئۇيغۇر بىز. ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق دەپلا قاراپ يۈرىمىز، ئەجدادىم كىم، بوۋامچۇ؟ بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بىز. چىقسا ئالىم ئىچىمىزدىن ھەسەت قىلىپ يۈرىمىز، كۆزىمىزگە ھەتتاكى ئىلمايدىغان ئۇيغۇر بىز. ياۋلار بىلەن بىرلىشىپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، ئۆز مىللەتنىڭ قىنىنى شورايدىغان ئۇيغۇر بىز. دوست دۈشمەننى ئايرىماي، ھەقىقەتنى ئويلىماي، ئاللاھنىمۇ بەزىدە تونىمايدىغان ئۇيغۇر بىز. ئىچىمىزدە خائىن كۆپ بىرلىشەلمەي ئۆتىمىز، دوستىمىزنى دۈشمەنگە ئولجا قىلغان ئۇيغۇر بىز. ئامال يوقكەن تەقدىرگە ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق، ئەيب كۆرمەي بۇلارنى ياشايدىغان ئۇيغۇر بىز. باي يۇرتتا ئەڭ نامرات ياشايمىز بىز مۇشۇنداق، ئۆز تەقدىرگە ئۆزىمىز يىغلايدىغان ئۇيغۇر بىز. خاتىمە ھەقىقەتنى تونۇدۇق، ئۆزىمىزنى تۈزەيمىز، ئاللاھىمنىڭ بەندىسى روھى بۈيۈك ئۇيغۇر بىز. ھەق يول بىلەن بىر ئۆمۈر بىزلەر ياشاپ ئۆتىمىز، ئازمايدىغان ئىنسان يوق، جىسمى ئۇلۇغ ئۇيغۇر بىز. ئەمدى گىپىم تۈگىدى، ئۇيغۇر ئۆزىنى تونىدى، بەكلا ياخشى ئۇيغۇر بىز، ئىسمى ئۇلۇغ مىللەت بىز.